تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئۈرۈمچى شەھىرى: رەڭدار پائالىيەتلەر بىلەن چاغاننى كۈتۈۋېلىش، شاد-خۇرام بىر ئائىلە كىشىلىرى

تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم ئىشتات ئىشخانىسىنىڭ شۈيموگوۋ رايونى ليۇداۋان تارماق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تيەنپىڭ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى مەھەللە بىلەن بىرلىشىپ، «شاد-خۇراملىق ئىچىدە چاغاننى تەبرىكلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. مەھەللىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر، قوشماقلاشقان تۇغقانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى، بىر-بىرىگە بەخت تىلىدى، سىرداشتى، 2020-يىللىق چاغاننى كۈتۈۋالدى.

پائالىيەت شوخ «شىياڭياڭ» ناملىق مۇزىكا بىلەن باشلاندى، يالغۇز كىشىلىك ناخشا، ئۇسسۇل، سېھرىگەرلىك قاتارلىق نومۇرلار نۆۋەتلىشىپ ئورۇندالدى، پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى مول، شەكلى كۆپ خىل بولۇپ، قويۇق چاغان تۈسىگە تولدى.

پائالىيەتتە، 73 ياشلىق ھۆسنخەت ۋە رەسىم ھەۋەسكارى ما جىجيې بوۋاي قولىغا رەسىم قەلىمىنى ئېلىپ، ئەركىن قىياپەتتە رەسىم سىزىشقا باشلىدى، ئۇزاق ئۆتمەي بىر خورازنىڭ باھارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر بېرىۋاتقان رەسىمى تاماشىبىنلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى، كۆپچىلىك قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

68 ياشلىق خوۋ يوڭشېڭ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز نۇرغۇن ئېسىل نومۇرلاردىن ھۇزۇرلاندۇق، پۇخادىن چىقتۇق. خەتتاتلار بىزگە چۈنليەن يېزىپ بېرىپ، بىزگە قويۇق چاغان تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇردى. چاغاننى كۈتۈۋېلىش كېچىلىكى ناھايىتى ياخشى ئۆتكۈزۈلدى، بىز ناھايىتى خۇشال بولدۇق».

مەھەللىنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى قاسىم توختى مۇنداق دېدى: «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، خىزمەت ئەترىتىمىز ۋە مەھەللە بىر قاتار مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپچىلىكنى خوشال-خورام بايرام ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى».

(ماقالىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم ئىشتات ئىشخانىسىنىڭ شۈيموگوۋ رايونى ليۇداۋان تارماق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تيەنپىڭ مەھەللىسى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىن سۈن جېڭسۇڭ تەمىنلىگەن)

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى