تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئۇلۇغ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن پەزىلىتى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى. پەقەت تىرىشىپ كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىش، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا ئۆزىدىن ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا ئۈزلۈكسىز ھاياتىي كۈچ قوشقىلى بولىدۇ.

19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئىزاھلاپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى «ئۇلۇغ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش»نىڭ مۇھىم تەجرىبىلىرىنى يۈكسەك يىغىنچاقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى، تىرىشىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى.

تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، بىر مەيدان ئىجتىمائىي ئىنقىلابتا ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەمىشە بىر ئۇزاق تارىخىي جەريانغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. پارتىيە تارىخىغا نەزەر سالساق، دەل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتكەچكە، پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭدى، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب قىلغاچقا، ئۈزلۈكسىز غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب قىلغانلىقىنىڭ داۋامى. يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، پارتىيەمىز جەزمەن باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. ئۇلۇغ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ھەم پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب قىلىشىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى ھەم پارتىيەمىزنى ماركسىزملىق پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىچكى ئېھتىياجى.

قانچە ئۇزاق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنسېرى، ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ خىسلىتىنى شۇنچە يىتتۈرۈپ قويماسلىق كېرەك، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى شۇنچە ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى شۇنچە يوقىتىپ قويماسلىق كېرەك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، «تۆت چوڭ سىناق» كۈندىن - كۈنگە كەسكىنلىشىۋاتقان، مۇرەككەپلىشىۋاتقان، «تۆت خىل خەۋپ» تېخىمۇ كەسكىنلىشىۋاتقان، گەۋدىلىنىۋاتقان ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەت ئالدىدا، پارتىيەمىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتىكى، بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى شەرت، جەزمەن بايراق روشەن ھالدا پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، قەيسەر ئىرادە، پەزىلەت بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر قىسىم ساھەلەردىكى پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىزلىشىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەرسىز بولۇش، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش كۈچلۈك بولماسلىق ئەھۋاللىرىنى قەتئىي ئۆزگەرتىپ، پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. يېڭى مۇساپىدە، بىز پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران - چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان، كۆتۈرەڭگۈ، روھلۇق ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە قىلىپ قۇرۇشتا، جەزمەن ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ، تارىخ ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدا چىقىرىلغان چوڭقۇر يەكۈن.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلىلەرنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىدى؛ «پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە پەن - مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ھەر تەرەپ، ھەر ساھەلەردە پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ» دېگەننى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى» دېگەننى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشقا قارىتا تۈزۈم خاراكتېرلىك قېلىپلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈردى؛ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە قاتتىق بولۇش، نازارەت قىلىش قاتتىق بولۇش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش قاتتىق بولۇش، ئەمەلدارلارنى باشقۇرۇش قاتتىق بولۇش، ئىستىل قاتتىق بولۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەش، سىياسەت بەلگىلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. پارتىيە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش جەريانىدا تېخىمۇ كۈچىيىپ، يېڭى، كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ھەم سىياسىي كاپالەت، ھەم سىياسىي يېتەكچىلىك. پۈتۈن پارتىيە جەزمەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك تەشكىلات، تۈرلۈك ئىشلارغا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر پۈتۈن ۋەزىيەتنى تولۇق ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى يۈكلەنگەن پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يېڭى مۇساپىدە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تاغقا يولۇققاندا يول ئاچىدىغان، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سالىدىغان يول ئېچىش روھىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئۇلۇغ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزغاندىلا، پارتىيەمىز چوقۇم دەۋرگە مۇناسىپ، خەلققە مۇناسىپ، تارىخقا مۇناسىپ شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى