زېڭ لىنشۈ داۋاملىق توپ ئۇرماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ شىنجۈن خەۋىرى، فوتوسى): 1-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچ، CBA دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ 27-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ئىلى ئالاھىدە ھارىقى ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا فۇجيەن باۋفالى ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى، نەتىجىدە، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 118گە قارشى 132 نەتىجە بىلەن فۇجيەن كوماندىسىنى يەڭدى. شىنجاڭ كوماندىسى كەڭ كۆلەمدە يارىلىنشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، جوۋ چى قايتىپ كەلدى، كلارك فېلدنىڭ ئورنىغا مەيدانغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئەزالارنىڭ نۆۋەت ئالمىشىشى تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، زېڭ لىنشۈ 21 نومۇر، گاردىن قايتقان بەش توپ ئېلىپ، 11 قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى، جوۋ چى 17 نومۇر، گاردىن قايتقان 13 توپ ئالدى.