قان بېسىمى يۇقىرى، يۈرەك قان تومۇر كېسىلى بار بىمارلارغا كارىۋات بېشىغا بىر لۆڭگە، بىر ئىسسىق ساقلاش ئىستاكانى قويۇپ قويۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
يېقىندا، ياپونىيە چىدەي داگۇ ئامبولاتورىيەسىنىڭ باشلىقى داگۇ يىفۇ ياپونىيە ساغلاملىق تور بېكىتى «كۈنلۈك دەستۇر Gooday» دە ئۆزىنىڭ ساغلاملىق ئادىتىنى ھەمبەھرلىدى. كارىۋات بېشىغا لىق قايناق سۇ قاچىلانغان ئىسسىق ساقلاش ئىستاكانى قويۇپ، ئويغاندىن كېيىن كارىۋاتتىن چۈشۈشكە ئالدىرىماي ئالدى بىلەن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرسە، كېچىسى سۇنىڭ يېتەرلىك قوبۇل قىلىنماسلىقى سەۋەبلىك شىلىمشىق ھالەتكە كېلىپ قالغان قانلار ئايلىنىپ، مېڭە سەكتىسى ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ خەتىرى تۆۋەنلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئادەت يازدا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قىشتا گال قۇرغاقلىشىشنىڭ، زۇكامداپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئىككىنچى قەدەمدە، بىر لۆڭگىنى يۆگەپ مۇشتنى تۈگۈپ سىقىمدايمىز. چىڭ سىقىمدىغاندا، بىلەك مۇسكۇلى چىڭقىلىپ، قان تومۇرلارنى بېسىۋالىدۇ، قاننىڭ ئېقىشى ئاستىلاپ، مىقدارى ئازىيىدۇ؛ قويۇۋەتكەندىن كېيىن، قان تومۇر ئازود Ⅱ ئوكسىد قويۇپ بېرىدۇ، قان تومۇرلار كېڭىيىدۇ، قان تومۇرلار راۋانلىشىپ، ئېلاستىكىلىقىنى ساقلايدۇ.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى