سانجى ئوبلاستىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش كوچىسى «تىڭجۇ كېچە بولماس شەھەرچىسى»نىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، سانجى شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىققاندا ئاپتوموبىل توختىتىشى بىر قېيىن مەسىلە بولۇپ قالغان. يېقىندا، سانجى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى سانجى شەھىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، سانجى شەھىرىنىڭ ئۆزگىچە كوچا رايونلىرى ئەتراپىدىكى قالايمىقان ئاپتوموبىل توختىتىش ئەھۋالىنىڭ يۈز بېرىشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، سانجى شەھىرى جيەنشې يولى، خۇڭچى يولى، ۋېنخۇا يولى، جۇڭشەن يولىدىن ئىبارەت تۆت ئاساسلىق كوچىدا ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن 541نى پىلانلىغان.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، سانجى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان تەۋەلىكتىكى ئاپتوموبىللارنى قالايمىقان توختىتىشنى تۈزەش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، پىيادىلەر ۋە موتورسىز قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، كۆپ تەرەپتىن پىكىر ئېلىپ، ئادەم زىچ، ئاپتوموبىللار بىر قەدەر كۆپ يول بۆلەكلىرىدە موتورسىز قاتناش ۋاستىلىرى يولىغا ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى تەسىس قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتوموبىللارنى خالىغانچە، قالايمىقان توختىتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرغان.
يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا سانجى شەھىرى جيەنشې يولى(سانجى ئۇششاق يېمەكلىكلەر كوچىسى) يول بۆلىكىدە 87ى؛ خۇڭچى يولى(سانجى خەلق باغچىسى ئارقا ئىشىكى) يول بۆلىكىدە 197ى؛ ۋېنخۇا يولى يول بۆلىكىدە 103ى؛ جۇڭشەن يولى(سانجى شەھىرى خۇيجيا شىدەي مال سېتىۋېلىش مەركىزى) يول بۆلىكىدىكى قوشۇمچە يولدا 154 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى تەسىس قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىققاندا ئاپتوموبىل توختىتىشى قېيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغان.
1-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12دە، مۇخبىر قۇرۇلۇش يولى سانجى ئۇششاق يېمەكلىكلەر كوچىسى يول بۆلىكىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدا مال سېتىۋېلىپ ئۆيىگە قايتماقچى بولغان شەھەر ئاھالىسى لى ۋېينى كۆردى، ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر ئۇششاق يېمەكلىكلەر كوچىسىغا كېلىپ نەرسە-كېرەك سېتىۋالغاندا قاتناش ساقچىلىرىنىڭ «باغاقچىسى»دىن قورقمايدىغان بولدۇم، بەلگىلەنگەن ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بولغاچقا، ئاپتوموبىل توختىتىش تېخىمۇ قېلىپلاشتى، قاتناش تەرتىپىمۇ ئۈنۈملۈك پەسەيدى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىققاندىكى بىخەتەرلىكى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى».
مۇخبىر فۇ شياۋفاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر يۈ خۇي خەۋىرى
سانجى گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى