تىيانشان تورى خەۋىرى: ھازىر، قىشلىق دېھقانچىلىقىنىڭ ئارىسال مەزگىلى، گۇچۇڭ ناھىيەلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسىنىڭ غەربىي بېيۋەن بازىرى غەربىي بېيۋەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى قىشلىق ئارىسال ۋاقىتنى ئالدىراش ۋاقىتقا ئايلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىسى ئادالەت ھۈسەن ئۈچۈن چارە ئىزدەپ، ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.
چۈشتە، تورۇسى قىزىل، ئاق رەڭ بىلەن بېزەلگەن بىر ئېغىز ئۆيدە، مەكتەپ فورمىسى كىيگەن 10 نەچچە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تاماق ئۈستىلىنى چۆرىدەپ ئىشتىھا بىلەن تاماق يەۋاتاتتى. ئۆي ئىگىسى ئادالەت ئائىلە زىيارىتىگە كەلگەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىنى كۆرۈپ، قىزغىنلىق بىلەن: «كېلىڭلار، ئولتۇرۇپ بىللە تاماق يەڭلار» دېدى.
ئادالەت مۇنداق دېدى: «قىشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشلۈك تاماق ۋاقتى قىسقا، ئاتا-ئانىلار ئالدىراش، بالىلار مېنىڭ ئۆيۈمگە كېلىپ تاماق يېسە، تاماقتىن كېيىن بىردەم ئارام ئېلىۋىلىپ مەكتەپكە بارالايدۇ، مەن بۇ ئارقىلىق ئاتا-ئانىلارغا قولايلىق ياراتتىم، ھەم ئائىلەمنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردۇم.»
ئىگىلىنىشىچە، ئادالەت ھەر كۈنى چۈشتە 15 باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا تاماق ئېتىپ، ھەر بىرەيلەندىن ئېيىغا 250 يۈەن ھەق ئالىدىغان بولۇپ، تەننەرخىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئېيىغا 1000 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىدىكەن. بالىلارغا تاماقنى ياخشى يېگۈزۈش ئۈچۈن، ئادالەت ھەر كۈنى لەغمەن، سوميەن، داپەنجى، مىفەن سەي، مانتا ... قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان تاماقلارنى ئېتىپ بېرىدىكەن.
كىچىك تاماق ئۈستىلى قىلىش بىلەن بىرگە ئادالەت يەنە قايماق تەييارلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۈچ كىلوگىرامدىن كۆپرەك يېڭى سۈتتىن بىر كىلوگىرام قايماق قىلغىلى بولىدۇ، بىر كىلوگىرام سۈت تۆت يۈەن، بىر كىلوگىرام قايماق 25 يۈەن، بۇنداق بولغاندا بىر كىلوگىرام قايماقتىن 12 يۈەن ساپ كىرىم قىلغىلى بولىدۇ. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى ئۈچ كىلوگىرام قايماق تەييارلىسام، ئايلىق كىرىمىم 1000 يۈەندىن ئاشىدۇ.
خىزمەت ئەترىتى ئادالەتنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ باي بولۇشىنى تىپىك مىسال قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ساقلاپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، بىر جۈپ ئەمگەكچان قولىغا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا ئىلھاملاندۇردى. كەنت ئاھالىلىرى بۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ، ئارقا-ئارقىدىن ئىگىلىك تىكلەپ، بەزىلىرى نان يېقىپ، بەزىلىرى قايماقچىلىق قىلىپ، بەزىلىرى ساڭزا سېلىپ، بەزىلىرى قوي گۆشى پىششىقلاپ ئىشلەپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇشىنى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىدى.
(ماقالىنى گۇچۇڭ ناھىيەلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسىنىڭ غەربىي بېيۋەن بازىرى غەربىي بېيۋەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن چېن يۇڭچى تەمىنلىگەن)