تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، 2000 غا يېقىن يولۇچى تۇرۇپ قالدى

  ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ يەر ئۈستى مۇلازىمەت خادىمى كۆپەيتىلىپ، يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلندى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چې جيې خەۋىرى، فوتوسى) 12-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا توڭ تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، سائەت 11ئەتراپىدا كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەن بولغان شارائىتتا ئىجرا قىلىش سىستېمىسى قوزغىتىلغان، ھازىر 2000 دىن ئارتۇق يولۇچى تۇرۇپ قالغان.

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شۆبە شىركىتىنىڭ قوماندانلىق مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 12-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 10:30دا ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا توڭ تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەن، سائەت 11:03 ئۆتكەندە ئايروپورت كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەن بولغان شارائىتتا ئىجرا قىلىش سىستېمىسىنى قوزغاتقان، سائەت 12:43 ئۆتكەندە، كەڭ كۆلەمدە كېچىكىش جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش قوزغاتقان. 14:00 گىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇش پىلانلانغان نۆۋەتچى ئايروپىلان 255 بولۇپ، 77 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى ئىجرا قىلىنغان، 48 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى كېچىكتۈرۈلگەن، 12 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان؛ پۈتۈن كۈن 230 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئايرودرومغا قونۇشى پىلانلانغان بولۇپ، 36 نۆۋەتچى ئايروپىلان قونغان، 2 نۆۋەتچى ئايروپىلان قونۇشقا تەييارلانغان، 12 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ قونۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئىگىلىنىشىچە، T1 ئاۋىياتسىيە بىناسىدا 206، T2 ئاۋىياتسىيە بىناسىدا 510، T3 ئاۋىياتسىيە بىناسىدا 1303 يولۇچى تۇرۇپ قالغان.

  جەنۇبىي ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سائەت 12:40 قىچە، ئۇچماقچى بولغان 29 نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىكتۈرۈلگەن، 7 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئاساسلىقى تۇمشۇق، ئاقسۇ، خوتەن، قاراماي قاتارلىق شىنجاڭ ئىچىدىكى شەھەرلەرگە چېتىلىدىكەن؛ نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ كېچىكىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، شىمالىي جۇڭگو، غەربىي جەنۇب، ئوتتۇرا جەنۇب، غەربىي شىمال قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدىكەن، ئاساسلىقى شىئەن، ۋۇخەن، بېيجىڭ، شاڭخەي، چېڭدۇ قاتارلىق شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورنىڭ يەر ئۈستى مۇلازىمەت خادىمى كۆپەيتىلىپ، يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلندى. 

  يولۇچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يەر ئۈستى مۇلازىمەت كاپالەت تارمىقى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش كاپالەت لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، سەپەرگە چىقىش ئەسكەرتمىسىنى كۆپەيتكەندىن باشقا، نۆۋەتچى ئايروپىلان رايونىدا مەخپىي نومۇر قوشۇپ ئاڭلىتىش چاستوتىسىنى ئېلان قىلىپ، يولۇچىلار نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ئۆزگىرىش ئۇچۇرىنى ئۇقتۇرغان؛ ئارىلىقتا باشقا نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئالمىشىدىغان يولۇچىلارغا، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ كېچىكىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەر قايسى مېھمانسارايلار بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۆزگىرىش ھالىتىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئارىلىقتا ئايروپىلان ئالمىشىدىغان يولۇچىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ئارام ئېلىشى ۋە سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلغان.

  بۇنىڭدىن باشقا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى پۈتۈن يول بويىچە بېلەت قايتۇرۇش، ئۆزگەرتىش كەسپىنى يولغا قويغان، يولۇچىلار جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى APP سى ئارقىلىق بېلەتنى ئاپتوماتىك قايتۇرۇش، ئۆزگەرتىش كەسپىنى بېجىرىپ، ئۆچىرەتتە تۇرۇش، ساقلاش ۋاقتىنى قىسقارتسا بولىدىكەن.

  ھازىر، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىكى ھەر قايسى كاپالەت ئورۇنلىرىدىكى زاپاس خادىملارنىڭ ھەممىسى ئۆز خىزمەت ئورنىغا كېلىپ، ھەر قايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ كېچىكىپ ئۇچۇش ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ يۆتكەش كۈچىنى تەڭشەپ، بىر قاتار تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈۋېتىپتۇ.

  كەڭ يولۇچىلار ھەر قايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ APP سىغا ئاساسەن، ھۆكۈمەت تەرەپ مۇلازىمەت نومۇرى 95539 غا تېلېفون قىلىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ۋاقتىدا دىققەت قىلسا بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى