تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ساۋ شىنجيا خەۋىرى، فوتوسى) 12-ئايدىكى شىنجاڭ قومۇل شەرقىي تىيانشان تېغى ئاقتاش مەنزىرە رايونى ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ھەيۋەتلىك، تىپتىنىچ قارلىق چوققىلارنى كۆرگىلى بولۇپلا قالماي، تۇتاش كەتكەن تىيانشان شەمشادى ۋە سىبىرىيە بال قارىغىيىدىن تەركىب تاپقان تەبىئىي ئورمان بەلبېغىنى كۆرگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا يەنە مەملىكەت بويىچە قۇم ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدىغان تۆت چوڭ تاغ ئىچىدە 1-ئورۇندا تۇرىدىغان قۇم تاغنىڭ ھەيۋەتلىك ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. نېرىنكىر يايلىقىمۇ قېلىن قار بىلەن قاپلانغان، تاغ باغرىدىكى قارىغايلارنىڭ بەزىلىرى قوڭۇر سېرىق رەڭدە، بەزىلىرى يېشىل رەڭدە بولۇپ، قارنىڭ تەسىرىدە تېخىمۇ روشەن كۆرۈنىدۇ. قىش پەسلىدىكى شەرقىي تىيانشان تېغى، قارلىق چوققىلار، قارىغايلار، قۇم تاغ، يايلاق بىر پارچە تەبىئىي ئىستېرېئولۇق رەسىم ھاسىل قىلغان ئىدى. سۇڭشۇتاڭ بۇغا فېرمىسىدىكى توپ-توپ بۇغا، قوتاز، ئارغىماقلار ئۆلكە يولى 303-لىنىيەسى بويىدىكى رېشاتكا ئىچىدە قىش كۈنلىرىدىكى ئىللىق قۇياش نۇرىدىن بەخىرامان ھۇزۇرلىناتتى، بۇ جاي ساياھەت قىلىش، سۈرەتكە تارتىشتىكى «توردا نام قازانغان جاي» غا ئايلانغان ئىدى.