تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىش كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش

− ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال بايان

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ، پىراكتىكانت ۋاڭ جىڭيۈ

قار - مۇز بىلەن قاپلانغان شىمالىي شىنجاڭدا قار تېيىلغۇچىلار قار تېيىلىش مەيدانىدا غۇيۇلداپ ئۆتۈشۈپ، سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىياتتىن بەھرىمەن بولماقتا؛ سېرىق قۇم قاپلىغان جەنۇبىي شىنجاڭدا ئائىلە ئاپتوموبىللىرى گۈركىرەپ مېڭىپ، قويۇق چاڭ - توزان كۆتۈرمەكتە... سوغۇق شامال شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكنى پائال راۋاجلاندۇرۇش ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتىنى توسۇپ قالالمىدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتنى راۋاجلاندۇرۇش يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭ پۈتۈن رايون ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، «ساياھەت+»نى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ساياھەتنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، قاتناش، يېزا ئىگىلىكى، ئورمانچىلىق قاتارلىقلار بىلەن بولغان يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتتى، شىنجاڭ ساياھىتى «كاسات پەسىلدە كاساتلاشماسلىق، ئاۋات پەسىلدە تېخىمۇ ئاۋاتلىشىش» نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.

 «ساياھەت +»كە يېڭى زېمىن «قوشۇلدى»

12 - ئاي كىرەي دەپ قالدى، چاقىلىق ناھىيەسىگە جايلاشقان ئالاغان ئائىلە ئاپتوموبىلى لاگېرىدا ۋاراڭ - چۇرۇڭ پەسەيگەنىدى. «كېلەر يىلى بىز سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھەتچىلىرىنى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىمىز» دېدى 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى شىنجاڭ ئالاغان ساياھەت مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ پېڭ.

2015 - يىلى ئائىلە ئاپتوموبىلى لاگېرى ئېچىلىپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالغاندىن بۇيان، لاگېر تەمىنلىگەن ساياھەت تۈرلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، قۇملۇق دالا ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى، تارىخ - ئادىمىيەت خارابىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ساياھىتى، تەبىئىي مەنزىرىنى ھېس قىلىش ساياھىتى قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇ يىل يەنە تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ساياھىتى كىرگۈزۈلدى. بۇ تۈرلەر ئەمەلىيەتتە «ساياھەت + مەدەنىيەت» «ساياھەت + تەنتەربىيە» «ساياھەت + ئاۋىياتسىيە»دۇر، بۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگىنى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مىقدارىنىڭ يىلمۇيىل ئېشىشى بولۇپ، دەسلەپتىكى ھەريىلدىكى 1000 ئادەم قېتىم ئۆپچۆرىسىدىن بۇ يىلقى 8000غا يېقىن ئادەم قېتىمغا كۆپەيدى.

«ساياھەت +» كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ چەكسىز بوشلۇقىنى بارلىققا كەلتۈردى.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دۈەن شۆپىڭ «ساياھەت +»نىڭ نەتىجىلىرىنى ناھايىتى پىششىق بىلىدۇ: «بۇ يىل بىز ساياھەت ۋە تۈرلۈك كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، <ساياھەت + مەدەنىيەت> <ساياھەت + تەنتەربىيە> <ساياھەت + يېزا - كەنت> قاتارلىقلارغا تۈرتكە بولۇپ، كۆپ خىل ساياھەتچىلىكنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈردۇق».

بۇ يىل 5 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، قاراماي - چۆچەك تۆمۈريولىدا رەسمىي قاتناش باشلاندى، «ساياھەت + قاتناش» تارباغاتاي ساياھەتچىلىكىگە تېخىمۇ زور خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى، «قاراماي - چۆچەك تۆمۈريولىدا كۈنىگە نەچچە مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلىدۇ، <پويىزغا ئولتۇرۇپ تارباغاتاينى ساياھەت قىلىش> ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ساياھەت يېڭى مەھسۇلاتىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇ يىل شىنجاڭغا، تارباغاتايغا سەككىز قېتىم ساياھەت مەخسۇس پويىزى كەلگەن بولۇپ، 5000دىن ئارتۇق ئادەم قېتىم ساياھەتچى توشۇلدى؛ ياردەمگە ئېرىشكەن جايدىكى ساياھەتچىلەر مەخسۇس پويىز ئارقىلىق لياۋنىڭغا ئۈچ قېتىم توشۇلغان بولۇپ، 2000غا يېقىن ئادەم قېتىم ساياھەتچى توشۇلدى» دېدى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى چەي خۇڭخۇا تونۇشتۇرۇپ.

 «بىر پەسىل ساياھىتى»دىن «تۆت پەسىل ساياھىتى»گە قەدەم قويۇش

شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا قىشلىق، ئەتىيازلىق ساياھەت كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاش ئاچقۇچتۇر. بۇ يىل، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار قىشلىق، ئەتىيازلىق ساياھەتچىلىكنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئالاھىدىلىكى روشەن بولغان قىشلىق، ئەتىيازلىق باش تېمىلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، قىشلىق، ئەتىيازلىق ساياھەتچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە «كاسات پەسىلدە كاساتلاشماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدا، شىنجاڭ ئون سەرخىل لىنىيەنى، 439 تۈرلۈك قىشلىق، ئەتىيازلىق ساياھەت پائالىيىتىنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. ساياھەت كارخانىلىرىنى ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بەس - بەستە تۈرلۈك ساياھەتتە ئېتىبار بېرىش، مۇكاپاتلاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىش، مەخسۇس پويىز، چوڭ تىپتىكى ئۆمەك تەشكىللەش قاتارلىقلارنى مۇكاپاتلايدۇ...

پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى بەس - بەستە ھەرىكەتكە كەلدى. بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدا، ئالتاي ۋىلايىتى 40 نەچچە تۈرلۈك قىشلىق ساياھەت بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ؛ ئۈرۈمچى شەھىرى «ساياھەت + قار شادلىقى + مەدەنىيەت + ئېسىل تائام + كۆرگەزمە» باش تېما قىلىنغان 60 نەچچە تۈرلۈك قىشلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتىنى تەشكىللەيدۇ؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى 100 نەچچە تۈرلۈك قىشلىق، ئەتىيازلىق مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتىنى ئۆتكۈزىدۇ؛ بايىنغولىن ئوبلاستى 34 تۈرلۈك قىشلىق، ئەتىيازلىق مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ ھەم قىشلىق، ئەتىيازلىق ساياھەت ئېسىل لىنىيەسىنى ئاچىدۇ، ئېسىل تائاملار مەدەنىيەت ساياھىتى، تارىخنى ھېس قىلىش ساياھىتى، قىزىل مۇزېي ساياھىتى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرىدۇ؛ خوتەن ۋىلايىتى «خوتەن كوئېنلۇن تېغىغا چىقىش قەھرىمانلار يىغىلىشى» پىيادە تاغقا چىقىش پائالىيىتى، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش ساياھىتى باش تېما پائالىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزىدۇ، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرمۇ بىر قاتار مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ.

شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدە تىيانشاننىڭ جەنۇب - شىمالىنى قاپلىغان مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتى قىزىپ كەتكۈسى.

 كۆپ نۇقتىدىن كۈچەپ، ساياھەتچىلىكنى زورايتىش، كۈچەيتىش

بۇ يىل 9 - ئايدا، قاراماي شەھىرىنىڭ كوچا ياقىسىدىكى بەزى ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا «قورۇ ئىچىدە ھاجەتخانا بار، سىرتقا ئېچىۋېتىلدى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان ۋىۋىسكىلار پەيدا بولدى. بۇ شەھەردىكى 60 ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ قورۇسىدىكى ھاجەتخانىلار سىرتقا ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى.

«بۇ، شەھىرىمىزنىڭ ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەت ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى نامايان قىلدى.» قاراماي شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى خې جياڭ شۇنداق بىلدۈردى.

ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى «ساياھەت +»نىڭ كۈچ قوشۇشىغا موھتاج، ھالبۇكى پۈتكۈل جەمئىيەتتە ھەممە ئادەم ساياھەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان يۇغۇرما تەرەققىيات ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈش تېخىمۇ مۇھىم.

بۇ يىلدىن بۇيان، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەۋقەنى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ساياھەت باھاسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق فۇنكسىيەلەرگە قويۇپ، ئالتە تۈرلۈك تەدبىر ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ساياھەت پائالىيەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ يول بويىدىكى بەلگە، بەلگە سىزىقى، يول يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرلىكتە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، تاشيول ھاياتلىق بىخەتەرلىكى مۇداپىئە قۇرۇلۇشىدىكى ئالاقىدار تەلەپلەر بويىچە، يول قاتناش بىخەتەرلىكى ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يول قاتناش ھادىسىلىرىدىن مەنبەدىن مۇداپىئەلىنىش لىنىيەسى قۇردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ قاتناش تورى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ساياھەت + قاتناش»نىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، «ئۈچ قىيىن بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق» قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، قاتناشنىڭ ساياھەتكە مۇلازىمەت قىلىش ئۇنىۋېرسال سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى ساياھەتكە ئىشلىتىلىدىغان يەر قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەل قىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ تەنتەربىيەگە مەسئۇل تارماقلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، تەكلىماكاننى ئايلىنىش ئاپتوموبىل راللى مۇسابىقىسى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك «تەنتەربىيە + ساياھەت» پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش، دالىدا قار تېيىلىش، ئېگىز تاغدا تېز تېيىلىش قاتارلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى يۆلەش، كېڭەيتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزگىچە قار - مۇز پائالىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى...

«ھەممەيلەن شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئوبراز ئەلچىسى، ھەممەيلەن شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ قوشقۇچى»دەك ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى