تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

«قۇملۇقتىكى مەكتەپ» يېڭىچە قىياپىتىنى نامايان قىلدى

  چاتما سۈرەت: ئۈستۈنكى سۈرەتتە يەسلى ئوقۇغۇچىلىرى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىن ئاۋۋالقى كېرىيە ناھىيەسى دەريا بويى يېزىسىدىكى مەكتەپ ھويلىسىدا ماڭماقتا (2018-يىل 9-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان سۈرەت)؛ ئاستىنقى سۈرەتتە يەسلى ئوقۇغۇچىلىرى يېڭى مەكتەپ ھويلىسىدا ماڭماقتا (2019-يىل 3-ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسى دەريا بويى يېزىسى «ھالاكەت دېڭىزى» دەپ ئاتىلىدىغان دۇنيا بويىچە 2-چوڭ كۆچمە قۇملۇق — تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان. ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان، تەبىئىي مۇھىت قاتارلىق پايدىسىز ئامىللارنىڭ چەكلىشى سەۋەبلىك، يەرلىكنىڭ مائارىپ شارائىتى بىرقەدەر ناچار ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، دەريا بويى يېزىسىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا بىر يېڭى مەكتەپ قەد كۆتۈردى، يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدىن 3-يىللىقىغىچە بولغان ئوقۇغۇچىلار يېقىن ئەتراپتىلا مەكتەپكە كىرەلەيدىغان بولدى، 4-يىللىقتىن 6-يىللىققىچە بولغان ئوقۇغۇچىلار كېرىيە ناھىيە بازىرىدىكى 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇسا بولىدىغان بولدى. دەريا بويى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ئەزىز توختىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەكتەپ بۇ يىل 9-ئايدا ئومۇميۈزلۈك كۆچۈشنى تاماملىغان. نۆۋەتتە، يېڭى مەكتەپتە جەمئىي 59 باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋە 63 يەسلى بالىسى بار ئىكەن. ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا سۇ، توك، يول، تور قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولغان. (خۇ خۇخۇ، شېن بوخەن فوتوسى)

  11-ئاينىڭ 18-كۈنى، يەسلى چوڭ سىنىپىدىكى كىچىك دوستلار دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن كېرىيە ناھىيەسى دەريا بويى يېزىسى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى قاتتىقلاشتۇرۇلغان يولدا ماڭماقتا.

  چاتما سۈرەت: ئۈستۈنكى سۈرەت نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىن ئاۋۋالقى شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسى دەريا بويى يېزىلىق مەكتەپنىڭ پۈتۈن كۆرۈنۈشى (2018-يىل 9-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت)؛ ئاستىنقى سۈرەت دەريا بويى يېزىسى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى مەكتەپنىڭ يېڭى قىياپىتى.

  چاتما سۈرەت: ئۈستۈنكى سۈرەتتە بىر ئوقۇغۇچى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىن ئاۋۋالقى مەكتەپ ھويلىسىدا قۇدۇق سۈيى ئىچمەكتە (2018-يىل 9-ئاينىڭ 6-كۈنى تارتىلغان سۈرەت)؛ ئاستىنقى سۈرەتتە 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىبىراھىم قۇربان يېڭى مەكتەپتىكى ياتىقىدا قاينىتىلغان تۇرۇبا سۈيىنى چۈشۈرمەكتە (2019-يىل 11-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

  چاتما سۈرەت: ئۈستۈنكى سۈرەت نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىن ئاۋۋالقى كېرىيە ناھىيەسى دەريا بويى يېزىلىق مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار ياتىقى (2018-يىل 9-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان سۈرەت)؛ ئاستىنقى سۈرەتتە بەش ياشلىق ئابدۇسالام قۇربان يېڭى مەكتەپتە چۈشلۈك ئارام ئالماقتا (2019-يىل 11-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

  چاتما سۈرەت: ئۈستۈنكى سۈرەتتە ئوقۇغۇچىلار تەنەپپۇس ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىن ئاۋۋالقى مەكتەپ مەيدانىنى تۈزلىمەكتە (2018-يىل 9-ئاينىڭ 6-كۈنى تارتىلغان سۈرەت)؛ ئاستىنقى سۈرەتتە ئوقۇغۇچىلار كېرىيە ناھىيەسى دەريا بويى يېزىسى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى سېمونت مەيداندا ۋاسكېتبول ئوينىماقتا (2019-يىل 11-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).

  11-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسى دەريا بويى يېزىسى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى يېڭى مەكتەپتە، تەنەپپۇس ۋاقتىدا بالىلار سېمونت مەيداندا ۋاسكېتبول ئوينىماقتا. بۇ مەكتەپنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان كونا ئورنىدا بالىلار ئادەتتە پەقەت قۇملۇق ئۈستىدە ئوينايتتى.

  11-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسى دەريا بويى يېزىسى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى يېڭى مەكتەپتە، 1-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپتە ھەقسىز چۈشلۈك تاماق يېمەكتە.

  11-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسى دەريا بويى يېزىسى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى يېڭى يەسلىدە، ئوقۇتقۇچى ئىبادەت مەتسىدىق چۈشلۈك ئۇيقۇدىكى ئوتتۇرا سىنىپ بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماقتا. بۇ مەكتەپنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان كونا ئورنىدا بالىلار ئادەتتە ئۇخلىغاندا چوڭ ئوپچە كارىۋاتتا يېتىپ ئۇخلايتتى، يېڭى مەكتەپ ياتىقىدا بولسا، ھەربىر ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ ياغاچ كارىۋىتىدا ئۇخلايدۇ.

  11-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسى دەريا بويى يېزىسى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى يېڭى مەكتەپتە، بالىلار قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن قولىنى يۇيۇپ ھەقسىز چۈشلۈك تاماق يېيىشكە تەييارلانماقتا.

  11-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسى دەريا بويى يېزىسى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى يېڭى مەكتەپتە، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ھەبىبەم ئوبۇلھەسەن 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھېساب ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا. بۇ مەكتەپنى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان كونا ئورنى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېڭى مەكتەپ بىناسىغا تېخىمۇ ياخشى ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى سەپلەنگەن.

  11-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسى دەريا بويى يېزىسى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى يېڭى مەكتەپتە، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ھەبىبەم ئوبۇلھەسەن(ئوتتۇرىدا) 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھېساب ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.

  11-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسى دەريا بويى يېزىسى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى يېڭى مەكتەپ سىنىپىدا، مەكتەپ ئاشپىزى ھەبىبە مەمەتئېلى ئوقۇغۇچىلارغا چۈشلۈك تاماق ئۇسماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى