تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئاقسۇ-قەشقەر تۆمۈريولىنى سۈرئەت تېزلىتىش بويىچە ئۆزگەرتىش تۈرىدە ئىش باشلاندى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر رېن خۇڭفاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لياڭ لى خەۋىرى): مۇخبىرلارنىڭ 11-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئاقسۇدىن قەشقەرگىچە بولغان تۆمۈريولىنى سۈرئەت تېزلىتىش بويىچە ئۆزگەرتىش تۈرىدە ئىش باشلانغان، بۇ تۈر تاماملانغاندىن كېيىن ئاقسۇ تەۋەسىدىكى تۆمۈريولدا سائەتلىك سۈرئەت 160 كىلومېتىر/سائەت بولىدىكەن.

ھازىر ئاقسۇدىن قەشقەرگىچە بولغان تۆمۈريول بۆلىكىدە يۈرۈش سۈرئىتى يەنىلا 100 كىلومېتىر/سائەت، بۇ سۈرئەت شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات تەلىپىنى قاندۇرالمايۋاتقان بولۇپ، تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدىكى يېتەرسىزلىك كۈنسېرى روشەن بولماقتا. يېقىندا، ئاقسۇ ۋىلايىتى مەخسۇس تېمىلىق ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنى دەل ۋاقتىدا ئېچىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش-ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يەر ئېلىش، چېقىش-كۆچۈرۈش مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

بۇ تۈرنى جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يولغا قويغان بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنما 1 مىليارد 180 مىليون يۈەن بولدى، تۈرنىڭ ئۆزگەرتىش لىنىيەسى ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 462 كىلومېتىر بولۇپ، ئاقسۇ تەۋەسىدىكى لىنىيە 149 كىلومېتىر. ھازىر يولغا قويۇلغان ئاساسىي پونكىت ئالاقە تورى قۇرۇلۇشى ئاساسىدا ئاقسۇ تەۋەسىدىكى 36 ئەگرى لىنىيە ئۆزگەرتىلىپ ھەمدە يوچۇقسىز لىنىيە قىلىنىپ، ئاقسۇ تەۋەسىدىكى لىنىيەدە سۈرئەت 160 كىلومېتىر/سائەتلىك نىشانغا يەتكۈزۈلىدۇ.

تۈر تاماملانغاندىن كېيىن، يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقىراپ، تۆمۈريول تىرانسپورت پايدىسى ئاشۇرۇلىدۇ، بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئاقسۇ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى