تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پەرقلەرنى تېپىپ چىقىش پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، پۇختىلاشقا تۈرتكە بولۇش

− ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ئالىي مەكتەپلەر ئارقا - ئارقىدىن پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە سېلىشتۇرۇپ پەرقلەرنى تېپىپ چىقىش مەخسۇس تېمىلىق يىغىنى ئاچتى

ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 2- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان تارماقلار، ئورۇنلار ئارقا - ئارقىدىن پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە سېلىشتۇرۇپ پەرقلەرنى تېپىپ چىقىش مەخسۇس تېمىلىق يىغىنى ئېچىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى» «يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىرقانچە مىزان» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە سېلىشتۇرۇپ، پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، پارتىيە ئېڭى، پارتىيە ئەزاسىلىق ئېڭى، ئىنتىزام ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي مەنزىل، ئىدىيە مەنزىلى، ئەخلاق مەنزىلىنى يۈكسەلدۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، پۇختىلاشقا تۈرتكە بولدى.

ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تۆت بەنزە ئەزالىرى ئايرىم - ئايرىم ئېچىلغان مەخسۇس تېمىلىق يىغىندا مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى، «مىزان» «نىزام» ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە سېلىشتۇرۇپ سۆز قىلدى ھەم ئۆزئارا پىكىر ۋە تەكلىپ بەردى. كۆپچىلىك ئۆزىگە تەتبىقلاش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتكە تەتبىقلاش، خىزمەتكە تەتبىقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، بىرمۇبىر سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، تەكشۈرۈپ كۆزەتكەن مەسىلىلەر كەڭ، سەۋەبنى ئانالىز قىلىشى چوڭقۇر، تۈزىتىش تەدبىرلىرى كۈچلۈك بولدى، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش جەريانىدا بىر قېتىملىق چوڭقۇر ئىدىيەۋى تاۋلىنىشنى ۋە پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن چېنىقىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يەتتى.

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە سېلىشتۇرۇپ پەرقلەرنى تېپىپ چىقىش مەخسۇس تېمىلىق يىغىنىدا، بەنزە ئەزالىرى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، مەسىلىلەرنى بىر - بىرلەپ تىزىپ چىقىپ، كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى تەھلىل قىلىپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەربىر بەنزە ئەزاسى سېلىشتۇرۇپ سۆز قىلغاندىن كېيىن، باشقا بەنزە ئەزالىرى سەمىمىي، ئوچۇق - يورۇق، گەپ ئەگىتمەي، قىلچە يوشۇرماي تەنقىدىي پىكىر بەردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىش ئارقىلىق بەنزە ئەزالىرىنىڭ پىكىر يولى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى، يۆنىلىشى تېخىمۇ روشەنلەشتى، بىرىكمە كۈچى تېخىمۇ كۈچەيدى، ئىتتىپاقلىشىپ ئىش قىلىش غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى.

مەخسۇس تېمىلىق يىغىندا قومۇل شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بىردەك مۇنداق قارىدى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قومۇلنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھاتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەمەلىي ئۈنۈمنى تەكشۈرىمىز.

ئىلى سىفەن داشۆسى پارتكومىنىڭ بەنزە ئەزالىرى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە سېلىشتۇرۇپ پەرقلەرنى تېپىپ چىقىش مەخسۇس تېمىلىق يىغىنى ئېچىشنى پۇرسەت بىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېپىپ چىققان مەسىلىلەرنى باش تېما تەربىيەسىدىكى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋەزىپىسىگە كىرگۈزۈپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىش، بىلگەن ھامان تۈزىتىشتە چىڭ تۇردى. مەسئۇل تارماقلارنىڭ مەسىلىسىگە قارىتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېتىراپ قىلىپ مەسئۇل بولۇپ، بىر - بىرلەپ تۈزىتىپ، بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقەررەر ھالدا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ئالىي مەكتەپلەر تۆۋەندىن يۇقىرىغىچە، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ كۆزەتكەن مەسىلىلەرنى رەتلەشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىدىيەۋى مەسىلە ۋە خىزمەت مەسىلە تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ، ھەم گەۋدىلىك، ھەم مۇھىم مەسىلىلەرنى بېكىتىپ، ئۇنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلدى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمېي، شيا چىڭ، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن رېن خۇڭفاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ساۋ يىگۇاڭ، ئەن يەن، ياڭ جىڭيى، پاڭ جۈن، ليۇ ۋېنخۇا يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى