تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، پراكتىكانت لو بېيبېي خەۋىرى) بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ۋە تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 5 ~ 6 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 10~11 بالغا يېتىدۇ؛ سوغۇق ھاۋا ئېقىمنىڭ تەسىرىدە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا داۋاملىق تۆۋەنلەيدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃5، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃3- بولىدۇ، 3 ~ 4 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ.
ھازىر دەل «باش قىش» مەۋسۇمى، ئەمما بۇ قىش كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
شىنجاڭنىڭ كىلىمات ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا، ئۇدا بەش كۈن تېمپېراتۇرا ℃0 تىن تۆۋەن بولسا، ھەم بۇ مەزگىلدە تېمپېراتۇرىدا كۆرۈنەرلىك ئۆرلەش بولمىسا، قىش كىرگەن ھېسابلىنىدۇ.
بۈگۈن 9 ~ 10 بال ئەتراپىدىكى غەربىي شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى G3015 لىنىيەسىنىڭ دۆربىلجىندىن تيېچاڭگۇغىچە بولغان بۆلىكى، S201 لىنىيەسىنىڭ مايتاس شامال رايونى، S221 لىنىيەسىنىڭ تولى لاۋفېڭكوۋ ئېغىزى، S319 لىنىيەسى ۋە S229 لىنىيەسىنىڭ ئالتاي دېڭىز شامىلى رايونى بۆلىكى، G3014 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن ئورقۇغىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن ئورقۇغىچە بولغان بۆلىكى، G30 لىنىيەسى، G312 لىنىيەسىنىڭ داۋانچىڭدىن داخىيەنگىچە بولغان بۆلىكى، چىقتىمدىن لياۋدۇنگىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.