2019- يىلى 10- ئاينىڭ 23- كۈنى، شىنجاڭ بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خوشۇت ناھىيەسى سوخاتۇ يېزىسى شوران تولغاي كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى سەي كاۋىسى يىغماقتا (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
تىيانشان تورى خەۋىرى (بايىغولىن گېزىتى مۇخبىرى چۆ • خۇرە خەۋىرى، فوتوسى) قىراۋ چۈشۈكى مەۋسۈمىنىڭ ئالدى- كەينىدە، كۈز شامىلى كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ، خوشۇت ناھىيەسىدىكى باغچىلار، ئېتىز-ئېرىقلاردا گۈزەل كۈزلۈك ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولدى.