10- ئاينىڭ 28- كۈنى، يىغىنغا كەلگەن مېھمانلار تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 10- ئاينىڭ 28- كۈنى، بېيجىڭ 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تونۇشتۇرۇش يىغىنى بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ سارايېۋو شەھەر مەركىزىي مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، سارايېۋودىكى يۈز نەچچە ھەر ساھە زاتلىرىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار زات مېھمانلارغا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بەلگىسى، مۇسابىقە تۈرى، مەيدان-ساراي يىرىك پىلانى قاتارلىق ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. (ئېدىم گرابوۋىتسا فوتوسى)