تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

سۈت ئىچىشمۇ بىر «تېخنىكىلىق ئىش»

  سۈت ئىچىشمۇ بىر «تېخنىكىلىق ئىش»، ئىچىش ئۇسۇلى توغرا بولمىسا ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەر ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىش كېرەك.

  سۈت سېتىۋېلىش. ئەلا سۈپەتلىك سۈتنىڭ رەڭگى ئاق، سۈت پۇرىقى سۇس،  ئېغىزغا كىرگەندىن كېيىن سۇس سۈت پۇرىقى بار. ئېھتىيات قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، سۈت ئېغىزغا كىرگەندىن كېيىن خۇش پۇراق بولسا، پۇرىقى ئۇزاققىچە تۇرسا سۈتكە پۇراقلىق ماددا قوشۇلغان بولۇشى مۇمكىن. يەنى بەزى سۈتنىڭ «قويۇقلۇقى» ساتقۇچى تەرەپنىڭ سۈتكە پۇراقلىق ماددا، قويۇقلاشتۇرغۇچ ۋە تۇراقلاشتۇرغۇچ قاتارلىقلارنى قوشقانلىقىدىن مۇمكىن، شۇڭا قارىغۇلارچە قويۇق، خۇش پۇراق سۈتنى ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك. سوغۇق سۇ قويۇلغان قاچىغا بىر نەچچە تېمىم سۈت تېمىتقاندا، سۈت ئۇيۇپ چۆككەن بولسا سۈت سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى ئىكەنلىكىنى، لەيلەپ قالسا سۈت سۈپىتىنىڭ ناچارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  سۈت ئىچىش. ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا سۈت ئىچسە سەمرىپ كەتمەيدۇ، لېكىن سۈتنى سۇ ئورنىدا ئىچىشكە بولمايدۇ، چوڭلار ھەر كۈنى 300 مىللىلىتىر ئەتراپىدا سۈت ئىچىشى، لېكىن سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 500 مىللىلىتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئاچ قورساق سۈت ئىچكەندە ئۇنىڭدىكى ئاقسىل قاتارلىق تەركىبلەر تولۇق ھەزىم قىلىنمايلا قالماستىن ، ئوزۇقلۇقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كالا سۈتى، بولكىغا مېۋە-كۆكتات ياكى تۇخۇم، ئارپا ئۇمىچى ۋە مېۋە-كۆكتات قاتارلىقلار قوشۇلسا بىر قەدەر ياخشى ئەتىگەنلىك تاماق ھېسابلىنىدۇ، سۈت بىلەن شۆلگەي ھەزىم قىلىش ئېنزىمى تولۇق ئۇچراشسا، تەركىبنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تېخىمۇ پايدىلىق. ئاشقازىنى ياخشى بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا تاماقتىن بىر سائەت بۇرۇن سۈتكە ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە بولىدۇ. تاماقتىن كېيىن بىردەم ئارام ئېلىپ سۈت ئىچسە، ئاشقازاندا كراخمال تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر بولۇپ، سۈت تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ تولۇق سۈمۈرۈلۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.

  سۈت قاينىتىش. سۈتنى قايناتقاندىن كېيىن، تەركىبىدىكى ئاقسىل ئېرىگەن كوللوئىد ھالەتتىن ئۇيۇغان كوللوئىد ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ، ئارىسىدىكى كالتسىيدا فوسفات كىسلاتاسى چۆكۈش ھادىسىسى پەيدا بولۇپ، ۋىتامىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈتتىكى لاكتوزا يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا كوكسلىشىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەڭ ياخشىسى «پاستېر دېزىنفېكسىيەلەش ئۇسۇلى»نى قوللىنىش، يەنى يېڭى سۈتنى℃62تا 30 مىنۇت قىزدۇرۇش ياكى℃71تا 20 مىنۇت قىزدۇرۇش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ھەم باكتېرىيەنى ئۆلتۈرۈپ، ھەم سۈمۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. تۇرمۇشتا سوغۇق سۈت ئىچىش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ، بۇ ئاسانلا ئاشقازان بىئارام بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئازراق قىزىتىپ ئىچىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا قىزدۇرۇش بىر قەدەر قولايلىق، لېكىن سۇلياۋ خالتا بىلەن بىۋاسىتە قىزدۇرۇشقا بولمايدۇ، ئەينەك قاچا بىلەن قىزىتىش كېرەك. سۈتكە شېكەر قوشۇش ياكى قوشماسلىق ھەزىم قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، ئاساسلىقى تەمى ياخشىلىنىدۇ،  لېكىن بالىلار ئىچكەن سۈتنى بەك تاتلىق تەڭشىمەسلىك كېرەك، بۇنداق قىلغاندا بالىلارنىڭ تەم سەزگۈسىنى غىدىقلاپ، كىچىكىدىن تارتىپلا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدىغان ناچار ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ قويىدۇ. ( ۋۇ جى ، لو جىنسەي رەتلىگەن )

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى