تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدە 70 كىچىك باغچە قۇرۇلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز رېن چۈنشياڭ خەۋىرى): 10- ئاينىڭ 9- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى (شەھەرلىك باغ- ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى) دىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىدىن قۇرۇشنى پىلانلىغان 100 كىچىك باغچە ئىچىدىكى 70 كىچىك باغچىنىڭ قۇرۇلۇشى تاماملانغان.

  10- ئاينىڭ 9- كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) نىڭ جىڭجياڭ يولىدا، بۇ يىل يېڭىدىن قۇرۇلغان تۆمۈريول ئاساسىي تېما باغچىسى ئىچىدە رېلىسنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش پىيادىلەر يولىغا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە يېشىللىق، گۈللۈك، كىچىك مەيدان بارلىقىنى كۆردى. بۇ باغچە ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇنجى تۆمۈريول ئاساسىي تېما باغچىسى بولۇپ، تاشلىۋېتىلگەن ليۇداۋان تۆمۈريولى (جىڭجياڭ يولىدىن قەشقەر يولى بۆلىكىگىچە) دىن پايدىلىنىپ يېشىللىق بەرپا قىلىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى قاندۇرغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 57 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، سەككىز پۇتبول مەيدانىغا باراۋەر كېلىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى (شەھەرلىك باغ- ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى) باغ- ئورمان باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى زىجاڭ مۇنداق دېدى: « 11- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە يەنە 30 كىچىك باغچە قۇرۇلىدۇ، بۇ يىل 100 كىچىك باغچىنىڭ ھەممىسىنى قۇرۇش پىلانىنى ئورۇندايمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى