تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سۈن يۈەنيۈەن خەۋىرى) 9- ئاينىڭ 25- كۈنى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، تىيانشان تورى مىكرو بىلوگىدا #70 يىل 70 يىللىق شەھەر#، «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، #ئۈرۈمچى ياخشى#» تېمىسىدىكى ئۇچۇر يوللاندى، قىسقىغىنە نەچچە سائەتتە، «#ئۈرۈمچى ياخشى#» تېمىسىدىكى مىكرو بىلوگ ئىزدەش تىزىملىكىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى، شۇ ئارىلىقتا ئارتىس دىلرابا بۇ تېمىنى توردا تارقاتتى ۋە يۇرتى ئۈرۈمچىنى قوللىدى.
«ئۈرۈمچى، سىز ئايرىلماي تۇرۇپلا سېغىنىدىغان شەھەر. بۇ <ئاسىيانىڭ كىندىكىدىكى شەھەر>» بولۇپ، ھاۋاسى يېقىشلىق، مېۋە-چېۋىلىرى تەملىك؛ بۇ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، كۆپ مەنبە مەركەزلەشكەن جاي؛ بۇ ئىناق، مۇقىم، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان جاي. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، ئۇ ۋەتىنىمىز بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلدى. بۈگۈنكى ئۈرۈمچى چاقناپ تۇرغان مەرۋايىتقا ئوخشاش ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىدە ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلماقتا. 9- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 21 ئەتراپىدا، تىيانشان تورى مىكرو بىلوگىدا بۇ ئۇچۇر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تورداشلارنىڭ ئالقىشى ۋە باھاسىغا ئېرىشتى.
9- ئاينىڭ 25- كۈنى سائەت 16 گىچە، بۇ ئۇچۇرنىڭ چېكىلىش قېتىم سانى 6 مىليون 680 مىڭ قېتىم بولۇپ، فىلىمنىڭ چېكىلىش قېتىم سانى 1 مىليون 840 مىڭ قېتىم بولدى، توردا 218 مىڭ قېتىم تارقىتىلدى، ئارتىس دىلرابا توردا تارقاتتى ھەم باھا بەردى: «كۆرۈپ قانمايدىغان خۇڭسەندىكى قۇياش كۆتۈرۈلگەن دەقىقىلەر، ئايلىنىپ ھارمايدىغان خەلقئارا چوڭ بازارىدىكى دۇكانلار، يەپ تويمايدىغان مىفېن، مەن ئۈرۈمچىلىك، مەن بۇ گۈزەل شەھەرنى قوللايمەن! كەلگۈسىدە، بىز بىرلىكتە ئۇنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىمىز!»
بۇنىڭدىن باشقا، يەنە باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ ئورگان مىكرو بىلوگلىرى ۋە تورداشلار بەس- بەستە بەخت تىلىدى.