تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

توغراق دەرياسى بويىدىكى گۈزەل مەنزىرە

  گۈزەل توغراق دەرياسى بويى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 7- شىسىدىكى كىشىلەرنىڭ جاپالىق كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە ئۆزگەرتىلىپ، بىر يېڭى شەھەر بولۇپ قەد كۆتۈردى. توغراق دەرياسى بويىغا بېرىپ كۆرگىنىڭىزدە، بۇ يەردىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر كىشىگە خاتا مېڭىپ قالغاندەك، شەھەرگە خاتا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. قاتار-قاتار يېڭى بىنالار قەد كۆتۈرۈپ، ئاسفالت يوللار ھەممە تەرەپكە تۇتاشتى، يولنىڭ ئىككى قاسنىقى يېشىللىققا پۈركەندى، مەكتەپ، دوختۇرخانا، يەسلى، تاللا بازىرى، سودا ساراي، مەدەنىيەت سارىيى، قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تېلېۋىزىيە مۇنارى قاتارلىق شەھەر مۇلازىمەت ئاساسى ئەسلىھەلىرىنىڭ بىرىمۇ كەم ئەمەس ئىدى. بولۇپمۇ قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلاپ شياڭيۈن كۆلى باغچىسىدا تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، باغچىدىكى رەڭدار پانۇسلار ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ. ساياھەتچىلەر قولۋاققا ئولتۇرۇپ كۆلدە سەيلە قىلىدۇ، كۆل بويىدىكى ئەگرى-بۈگرى ئاسما يوللار، رەڭدار چىراغلار خۇددى ھەسەن-ھۈسەنگە ئوخشايتتى، بۇ كىشىلەر مېھرىنى ئۈزەلمەيدىغان، ئازادە، گۈزەل شەھەر.

مېنىڭ سىز بىلەن بىللە سالقىنداپ كەلگۈم بار.

ئاھالىلەر سودا رايونىدا مال سېتىۋالماقتا.

جاڭ ئەپەندى بىر ئائىلە كىشىلىرى شياڭيۈن كۆلى باغچىسىدىكى ياغاچ كۆۋرۈكتە تۇرۇپ گۈزەل مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە تارتماقتا.

توغراق دەرياسى شەھىرى

ئانا- بالا ئىككىيلەن كۆلدىكى بېلىقلاردىن ھۇزۇرلانماقتا.

ئاھالىلەر شياڭيۈن كۆلى باغچىسىدا گىمناستىكا ئويناپ بەدەن چېنىقتۇرماقتا.

كىشىلەر ھەسەن-ھۈسەن كۆۋرۈكتىن ئۆتمەكتە.

رەڭلىك پەلەمپەي بىلەن ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەن كەچكى شەپەق نۇرى.

  «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى