9- ئاينىڭ 19- كۈنى، تېببىي خادىملار خەندەن شەھىرىنىڭ خەنشەن رايونىدىكى تەجرىبە بالىلار باغچىسىدا بالىلارغا توغرا چىش چوتكىلاش ئۇسۇلىنى ئۆگەتمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 9- ئاينىڭ 20- كۈنىدىكى «مەملىكەتلىك چىش ئاسراش كۈنى»نى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، خېبېي ئۆلكىسى خەندەن شەھىرىنىڭ خەنشەن رايونلۇق تەجرىبە يەسلىسى «چىش ئاسراشنى كىچىكىمىزدىن باشلايلى» باش تېمىسىدىكى تەلىم-تەربىيە پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، تېببىي خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ بالىلارغا چىش ئاسراش بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈپ، بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ چىش ئاسراش، ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى قوغداشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىدى. (ۋاڭ شىياۋ فوتوسى)
9- ئاينىڭ 19- كۈنى، تېببىي خادىملار خەندەن شەھىرىنىڭ خەنشەن رايونىدىكى تەجرىبە يەسلىسىدىكى كىچىك دوستلار توغرا چىش چوتكىلاش ئۇسۇلىنى ئۆگەنمەكتە.