تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەم بولۇش ئەڭ بەختلىك ناخشا ئېيتىپ مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش

− «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىكتە بايرام ئۆتكۈزدى

جۇڭچيۇ بايرىمى مەدەنىيىتىگە جەم بولۇش ۋە مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئىبارەت گۈزەل مەزمۇن مۇجەسسەملەنگەن. بۇ يىلقى جۇڭچيۇ بايرىمىدا، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، كەنتلەرگە، ئائىلىلەرگە كىرگەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئامما بىرلىكتە تۈرلۈك شەكىلدىكى جۇڭچيۇ بايرىمىنى تەبرىكلەش بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى، كادىرلار بىلەن ئامما، تۇغقانلار جەم بولغاندىكى بەختتىن، مول ھوسۇل شادلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى.

 ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى چۈشىنىش

«بىز دەرھال مىنخۇەن يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتىغا بارايلى، ئاڭلىسام ئۇ يەردە جۇڭچيۇ بايرىمىلىق يۆبىڭ پىشۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلۇۋېتىپتۇ!» دېدى 9- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن كېيىن خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسى شاتى مەھەللە كەنتىنىڭ ئاھالىسى مەتيۈسۈپ روزىمەمەت ئالدىرىغىنىچە قوشنىسىغا.

جۇڭچيۇ بايرىمىدا، شاتى مەھەللە كەنتىدە پىشۇرۇلغان يۆبىڭنىڭ بازىرى ئىتتىك بولدى، شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ شاتى مەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى بىرلىكتە كەنتتىكى مىنخۇەن يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتىغا كېلىپ بىللە يۆبىڭ پىشۇردى، جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەققىدە سۆزلەشتى، يۆبىڭ پىشۇرۇش جەريانىنى ئىگىلەپ خۇشاللىققا چۆمدى.

«جۇڭچيۇ بايرىمى جەم بولۇش بايرىمى، بۇنداق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش كەنت ئاھالىلىرىگە جۇڭچيۇ بايرىمىغا مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىتىپلا قالماستىن، يەنە قوشنىلار ئارىسىدىكى ھېسسىياتنى كۈچەيتىدۇ» دېدى شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ شاتى مەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى ياڭ لېي.

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تۇرپان شەھىرىنىڭ پىچان ناھىيەسى پىچان بازىرى كىچىك كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى پائالىيەت ئۆيىدىن خۇشال كۈلكە سادالىرى ياڭراپ تۇراتتى، «چېۋەر قوللىرىمىز بىلەن يۆبىڭ پىشۇرۇپ، جۇڭچيۇ بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز» «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى» تېمىسىدىكى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. پىچان ناھىيەسى بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كىچىك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار ۋە كەنت ئاھالىلىرى بىر يەرگە خۇشال جەم بولۇپ، بىرلىكتە يۆبىڭ پىشۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇقنى ئورتاق بايان قىلدى.

«جۇڭچيۇ جەم بولىدىغان كۈن، كۆپچىلىك خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشاش قىزغىن كەيپىياتتا يۆبىڭ پىشۇردۇق، پىشۇرغان يۆبىڭلىرىمىز ناھايىتى يېيىشلىك بولۇپتۇ» دېدى كەنت ئاھالىسى تۇرسۇنخان توختى خۇشال ھالدا. كۆپچىلىكنىڭ ناھايىتى خۇش بولغانلىقىنى كۆرگەن پىچان ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كىچىك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى ياڭ يۇڭجۈن مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىكنىڭ جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشىنىپ، ھەمتۈرتكە بولۇش داۋامىدا ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ تېخىمۇ ئىتتىپاق، تېخىمۇ ئىناق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ، جۇڭچيۇ بايرىمىدا كۆپچىلىكنى بىر يەرگە جەم قىلدۇق».

 ئەمەلىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش

جۇڭچيۇ بايرىمى كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر كوچا باشقارمىسى پويىز ئىستانسىسى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى پاتىگۈل قادىر ئاقسۇ شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىكى تۇغقىنىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، مەھەللىگە كېلىپ ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە بايرام ئۆتكۈزۈشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

ئاقسۇ شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ چياڭ يۆبىڭ قاتارلىق سوۋغاتلارنى ئېلىپ تۇغقىنى پاتىگۈلنى يوقلاپ كەلدى. كۆرۈشۈپلا جاڭ چياڭ پاتىگۈلدىن: ھازىر كىيىم - كېچەك زاۋۇتىدا قانداقراق ئىشلەۋاتىسىز، بىر ئايدا قانچىلىك مائاش ئالالايسىز؟ بۆرەككە سۇ يىغىلىپ قېلىش كېسىلىڭىزنى داۋالاتقاندىن كېيىن، سالامەتلىكىڭىزنىڭ ئەسلىگە كېلىشى قانداقراق؟ ھازىر ئائىلەڭلەردە قانداق قىيىنچىلىقلار بار، بالىلارنىڭ ئۆگىنىشى قانداقراق؟ دەپ ئەھۋال سورىدى.

پاتىگۈلنىڭ ئېرى تۆت يىل ئىلگىرى كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەچكە، ئىككى بالىسىنى ئۆزى يالغۇز باقاتتى. تۇغقىنىنىڭ ھەر قېتىم كېلىپ ھال - ئەھۋال سوراپ، ياردەم قىلىپ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەرگەنلىكىنى كۆرگەن پاتىگۈل ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر سىز ماڭا ياردەملىشىپ كىيىم تىكىدىغان خىزمەت تېپىپ بەرگەندىن كېيىن، تېخنىكام بارغانسېرى پىشىپ يېتىلدى، مائاشىم ئۆسۈپ 3000 يۈەن ئەتراپىغا يەتتى. ئالدىنقى قېتىم دوختۇرخانىدا ياتقىنىمدا سىز ماڭا ياردەم قىلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش پۇلىنى تۆلەپ قويدىڭىز، سالامەتلىكىم ئىلگىرىكىدىن كۆپ ياخشى بولۇپ كەتتى. مەن بۇنىڭدىن كېيىن جەزمەن تېخىمۇ تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، ئىككى بالامنى ياخشى تەربىيەلەيمەن».

بۇ كۈنى، بۇرچىن ناھىيەسى قوستىق بازىرى قارادۆڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سېرىكبول دوربوتقاننىڭ ئۆيىدە، ئىككى بالا خۇشال ھالدا يېڭى ئويۇنچۇق ئويناۋاتاتتى، ئۈستەلگە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئېلىپ كەلگەن يۆبىڭ، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق ھال سوراش بۇيۇملىرى قويۇلغانىدى، بۇرچىن ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ قارادۆڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى ۋاڭ گاڭ سېرىكبول بىلەن يېقىن ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىۋاتاتتى.

«سىز ھازىر بازاردىكى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا باقمىچى بولدىڭىز، ھەر ئايدا 3000 يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىدىكەنسىز، بۇ يىل چارۋىلىرىڭىزنى پاي قوشۇپ 3000 يۈەن پايدا ئايرىلىپتۇ، خوتۇنىڭىز ئالدىنقى ئايدا ئىشلەمچىلىك قىلىپ 2500 يۈەن كىرىم قىلىپتۇ... بۇنداق بولغاندا ئائىلەڭلەرنىڭ بۇ يىلقى كىرىمى خېلى كۆپ بولۇپتۇ!» دېدى ۋاڭ گاڭ سېرىكبولغا ياردەملىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش ھېساباتى قىلىپ بەرگەچ.

سېرىكبول مىننەتدارلىق بىلەن مۇنداق دېدى: «بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ۋاڭ شۇجى ماڭا ياردەملىشىپ كىرىم - چىقىم ھېساباتى قىلىپ بەردى، ئائىلىمىزنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن يېڭى يول تېپىپ بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش جەھەتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىزغا ياردەم بەردى، بۇ يىلقى كىرىمىمىز بۇلتۇرقىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى!»

 مول ھوسۇللۇق يىلنى بىرلىكتە تەبرىكلەش

بۇ يىلقى جۇڭچيۇ بايرىمىدا، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ تۈگىچى يېزىسى قۇمبا كەنتى بىر چوڭ سوۋغا تاپشۇرۇۋالدى: شىنجاڭ داشۆنىڭ قۇمبا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئالدىنقى باسقۇچتا ئىلتىماس قىلغان، ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى تۈرىدىن پايدىلىنىپ سېتىۋالغان ياڭاق پوستىنى ئاقلاش ماشىنىسى كەنتتە قۇرۇلغان زاۋۇتتا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ماشىنىدا مەشغۇلات قىلىدىغان مەخسۇس ئادەم تەربىيەلەپ، ئۇزاق مۇددەت كەنت ئاھالىلىرىنى قىيناپ كېلىۋاتقان ياڭاق پوستىنى ئاقلاش ۋە تازىلاش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

ياڭاقچىلىق قۇمبا كەنتىنىڭ تۈۋرۈك كەسپى، بۇ يىل قۇمبا كەنتى يەنە ياڭاقتىن مول ھوسۇل ئېلىنغان بىر يىلنى كۈتۈۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاختا تېرىش پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، كەنتتىكى نۇرغۇن ياش - ئوتتۇرا ياش ئەمگەك كۈچلىرى سىرتقا چىقىپ پاختا تېرىپ پۇل تاپىدىغان بولغاچقا، ئۇلار جەزمەن ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، سىرتقا چىقىشتىن ئىلگىرى ياڭاقنىڭ پوستىنى ئاقلاش ۋە تازىلاش خىزمىتىنى تاماملىشى كېرەك ئىدى. ياڭاق پوستىنى ئاقلاش ماشىنىسىنىڭ كېلىشى بىلەن كەنت ئاھالىلىرى نۆۋەتتىكى دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى بىمالال تاماملىيالايدىغان بولدى.

«جۇڭچيۇ بايرىمى دەل كۈزلۈك يىغىمنىڭ ئالدىراش پەيتىگە توغرا كەلدى، بىز كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە بايرام ئۆتكۈزۈش بىلەن بىللە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەمەلىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى زامانىۋى پەن - تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يېتەكلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇرىمىز» دېدى شىنجاڭ داشۆنىڭ قۇمبا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى لى خوۋجيەن.

بىر يىللىق مول ھوسۇل پەسلى يەنە كەلدى، جۇڭچيۇ بايرىمى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈلۈپ، قەلبلەر شادلىققا تولدى. 9- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن كېيىن، سانجى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئېرليۇگۇڭ بازىرى شياليۇگۇڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بۇ كەنتنىڭ مەدەنىيەت مەيدانىدا بىر مەيدان «يېزا» پۇرىقى يېتەرلىك بولغان تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇردى، كادىرلار، ئامما جۇڭچيۇ بايرىمىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈپ، مول ھوسۇل يىلىنى ئورتاق تەبرىكلىدى.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، 120دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى كاۋا يۆتكەش، تاۋۇز توشۇش، كۆممىقوناق كۆتۈرۈش، ئەپكەشتە كۈچ ئۇلاش قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەر بويىچە مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقە تۈرلىرى «ئاممىغا يېقىن»، ئىنتايىن قىزىقارلىق بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. قالتىس مۇسابىقىدىن كۆپچىلىك تېلىقىپ كۈلۈپ، بەس - بەستە يان تېلېفونلىرىنى چىقىرىپ سۈرەتكە تارتىپ دوستلىرىغا يوللاشتى. سانجى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ شياليۇگۇڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى پۇ خەيجۈن مۇنداق بىلدۈردى: كەنتتىكى ئەر - ئايال، قېرى - ياشنىڭ ھەممىسىنى پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇپ، بايرام كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇش، شۇنداقلا كەنت ئاھالىلىرىنى بىر يەرگە جەم بولۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش، بېيىشنىڭ يېڭى يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بۇ پائالىيەتنى قانات يايدۇردۇق.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ جىلى، گې يوۋجۈن، جاڭ تىڭ، جاڭ رۇيلىن، پەرىزات، رايىدە، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى ۋېي لىخۇا، لياڭ خۇڭتاۋ، ۋاڭ چېن، شۈسۇ مىڭياڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى