9- ئاينىڭ 10 - كۈنى، جۇڭگو مېيىپلار سەنئەت ئۆمىكىدىكى ئارتىسلار چىڭخەي چوڭ تىياتىرخانىسىدا «چيەن شوۋ گۈەن يىن»نى ئورۇنلىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 9- ئاينىڭ 10- كۈنى، جۇڭگو مېيىپلار سەنئەت ئۆمىكى چىڭخەي چوڭ تىياتىرخانىسىدا چىڭخەيدىكى يەتتە كۈنلۈك ئاممىۋى پاراۋانلىق ئويۇنىنى ئاخىرلاشتۇردى. چىڭخەي «خۇش پۇراقتىن ھەمبەھرىلىنىش، ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش» تېمىسىدىكى ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلاردا ئاممىۋى پاراۋانلىق بويىچە سەييارە ئويۇن قويۇشىدىكى بىر بېكەت، نەچچە كۈندىن بۇيان، 40 ئارتىس شىنىڭ شەھىرى، خەيدۇڭ شەھىرى قاتارلىق جايلاردا بەش مەيدان سەييارە ئويۇن قويدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ لۇڭ فوتوسى)
9- ئاينىڭ 10- كۈنى، جۇڭگو مېيىپلار سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى چىڭخەي چوڭ تىياتىرخانىسىدا «ئاق رەڭلىك قۇش»نى ئورۇنلىماقتا (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ لۇڭ فوتوسى).