قوش فېنولBPA) A) بولسا سۇلياۋنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى، نۇرغۇن يېمەكلىك قاچىسى (بوۋاقلار سۈت بوتۇلكىسى، سۈمۈرۈش ئىستاكانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كاربونات كىسلاتا ئېستىرى ئارقىلىق ياسىلىدۇ. ھالبۇكى BPAدا ھورموننىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان خۇسۇسىيەت بار دەپ ئىسپاتلانغان بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى ئاجراتما ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، بولۇپمۇ بوۋاقلارغا بەكرەك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھازىر ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەردە BPA ئىشلىتىش چەكلەندى.
ئاتا – ئانىلار تۆۋەندىكى تەدبىرلەر ئارقىلىق بوۋاقلارنىڭ قوش فېنول Aغا ئۇچراش خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئالسا بولىدۇ:
1. يىغىۋېلىش نومۇرى 7 بولغان سۈزۈك سۇلياۋ سۈت بوتۇلكىسى، ئىستاكان، قاچىلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش، چۈنكى بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپىنچىسىدە BPA بار؛
2. ئامال بار BPA Free (تەركىبىدە BPA يوق) سۇلياۋ سۈت بوتۇلكىسى ياكى ئىستاكان ئىشلىتىش؛
3. سۈزۈك بولمىغان سۇلياۋدىن ياسالغان سۈت بوتۇلكىسى ياكى ئىستاكانلارنى ئىشلىتىش كېرەك، چۈنكى بۇ قاچىلار ئادەتتە پولى ئېتىلىن ياكى پولى پىروپىلىندىن ياسىلىدۇ، تەركىبىدە BPA بولمايدۇ؛
4. يىغىۋېلىش نومۇرى 2 ياكى 5 بولغان سۇلياۋدىن ياسالغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش؛
5. سۇلياۋ سۈت بوتۇلكىلىرىنىڭ ئورنىغا ئەينەك سۈت بوتۇلكىلىرىنى ئىشلىتىش؛
6. ئىسسىقلىق سۇلياۋ تەركىبىدىكى BPAنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆيدە بۇنداق سۇلياۋ مەھسۇلاتلار بولسا قىزىتماسلىق، قايناتماسلىق، قاچا يۇيۇش ماشىنىسىدا يۇيماسلىق كېرەك.
شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى