تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ھاۋا ئىسسىق بولسىمۇ پايپاق كىيىش كېرەك

    ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق چاغدا، نۇرغۇن ياشانغانلار پايپاق كىيمەيلا ئاياغ كىيىۋالىدۇ، شۇنداق كىيسە راھەت ھېس قىلىدۇ. ئەمما جۇڭيى تېبابىتىدە: پۇتقا پۈتۈن بەدەننىڭ قان تومۇرلىرى يىغىلغان، «پۇت توڭلىسا، پۈتۈن بەدەن توڭلايدۇ» دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا ھاۋا ھەرقانچە ئىسسىق بولسىمۇ، ياشانغانلار چوقۇم پايپاق كىيىپ، پۇتىنى ئاسرىشى كېرەك.

    تاپاننىڭ قۇرغاقلىقىنى ساقلىغاندا، زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. پايپاق كىيمىگەندە تاپان بىۋاسىتە ئاياغقا تېگىپ تۇرغاچقا، پۇت تەرلەپ زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

    زەخمىلىنىشتىن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. پايپاق كىيمەي ئاياغ كىيگەندە، پۇت تېرىسىنىڭ كۆپ قىسمى سىرتتا ئوچۇق قالىدۇ، ھاۋادىكى كېسەللىك باكتېرىيەسى ئاسانلا چاپلىشىۋالىدۇ، شۇنداقلا ئاسان سۈرۈلۈپ كېتىدىغان، تېرىسى يېرىلىپ كېتىپ يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. پايپاق كىيىۋالسا، پۇتنى قوغدىغىلى بولىدۇ.

    تېرە مۈڭگۈزلىشىشتىن ۋە تېرە ياللۇغىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. پايپاق كىيمىگەندە تاپان ۋە بارماقنىڭ مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋىتى بارغانسېرى قېلىن ئۆسۈپ، قاداق پەيدا بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرلىتىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر قىسىم ياشانغانلاردا ئەگەر خۇرۇم، كاۋچۇك قاتارلىق ئاياغ ماتېرىياللىرىغا نىسبەتەن زىيادە سەزگۈرلۈك كۆرۈلسە، پايپاق كىيمەيلا ئاياغ كىيگەندە پۇتنىڭ دۈمبىسى، بارماق ئاياغقا سۈركىلىپ تېرە قىزىرىش، سۇلۇق قاپارتما قاتارلىقلار كۆرۈلۈپ، تېگىشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. پۇت بىلەن يۈرەكنىڭ ئارىلىقى ئەڭ يىراق، قان بىلەن تەمىنلەش ئەڭ ناچار، شۇنداقلا ماي قەۋىتى نىپىز، ئىسسىقلىق ساقلىشى ناچار، شۇڭا پۇت ئالقىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئەڭ تۆۋەن، ئاسان سوغۇققا ئۇچرايدۇ. پۇت سوغۇققا ئۇچرىسىلا، يۇقىرىقى نەپەس يولى شىللىق پەردىسى ئىچىدىكى قىل قان تومۇرلار رىفلىكىسلىق ھالدا قىسقىراپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەسلىدە بار بولغان بۇرۇن، يۇتقۇنچاق قىسمىدىكى يوشۇرۇن ۋىرۇس، كېسەللىك باكتېرىيەسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كىرىپ، تېخىمۇ كۆپ كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

     ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇۋاپىق پايپاق تاللاش ناھايىتى مۇھىم. بولۇپمۇ بەك چىڭ پايپاق كىيىۋالسا پۇتنى بوغۇپ قىزارتىۋەتكەندىن سىرت، قاننىڭ راۋان ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئارتىۋېتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىش خەتىرى كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، ياشانغانلار ئەڭ ياخشىسى نىپىز، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان، نەملىكنى ياخشى سۈمۈرىدىغان، پاختا ياكى يىپەك ماتېرىياللىق پايپاقلارنى كىيگىنى ياخشى.

                                                                                                                خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى