تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چىن مېھىر - مۇھەببىتىنى بېغىشلاش ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش

− بورتالا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، بورتالا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ چىندېل بازىرى ئامىبنناباگ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى جاڭ تاۋ توغرىسىدا خاتىرە

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ بورتالا ئوبلاستلىق مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ شياۋمىن

«بۇ بىرقانچە يىلدا، كەنت قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيەۋى ئېڭىمۇ ئۆستى، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە پارتىيەنىڭ ياخشى كادىرلىرىغا رەھمەت ئېيتىش كېرەك.» 8- ئاينىڭ 5- كۈنى، مۇخبىر بورتالا شەھىرىنىڭ چىندېل بازىرى ئامىبنناباگ كەنتىدە زىيارەتتە بولغاندا، كەنت ئاھالىلىرى كېلىشىۋالغاندەكلا بورتالا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئامىبنناباگ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى جاڭ تاۋنى تىلغا ئالدى.

2017- يىلى كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، جاڭ تاۋ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، قوشۇننى يېتەكلەش، قاراشنى ئۆزگەرتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تۇتۇش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى كەنت قىياپىتىنى گۈزەللەشتۈرۈشكە، ئىشلەپچىقىرىشنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىغا ئاتلىنىشىغا ياردەم بەردى.

پارتىيە قۇرۇلۇشى ئۇلىنى پۇختىلاش

مۇستەھكەم قورغان بەرپا قىلىش

«2018- يىلى مەن پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندۇم، بۇ يىل پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپى قىلىپ بېكىتىلدىم، مەن ياخشى تىرىشىپ، بالدۇرراق بىر شەرەپلىك كومپارتىيە ئەزاسى بولۇشنى قولغا كەلتۈرىمەن» دېدى كەنت ئاھالىسى ھەمراجان ئابلىز ھاياجانلانغان ھالدا.

«كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىشى تەس، كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادى ئاجىز، بۇنىڭدىكى سەۋەب، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ رولىنىڭ جايىدا جارى قىلدۇرۇلمىغانلىقىدا.» جاڭ تاۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: كەنتتە تۇرغاندىن باشلاپ، خىزمەت ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشنى خىزمەتتە باش ئورۇنغا قويدى.

جاڭ تاۋ كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى كۈچەيتىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئەمەلىي تۇتۇپ تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشتىن قول سېلىپ، كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى بىلەن ئورتاق تەتقىق قىلىپ، يوقلىما، ئۆگىنىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىقتى.

جاڭ تاۋ مۇنداق دېدى: «بىر تەرەپتىن خىزمەت ئەترىتى كەنت كادىرلىرىغا ياردەم بېرىپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. يەنە بىر تەرەپتىن دېھقان - چارۋىچى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشىغا ياردەم بەردى. بۇ يىل بىز ئۈچ نەپەر پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپىنى تەربىيەلىدۇق».

كەنت كادىرلىرىنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، جاڭ تاۋ خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ AB ئىش ئورنىغا ياردەم بېرىش، يېتەكلەش پىلانىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك خىزمەت لايىھەسى تۈزۈپ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن كەنت كادىرلىرىنى «بىرگە بىر» ياردەم بېرىش، يېتەكلەش بويىچە قوشماقلاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى بىرلىكتە ئۆگىنىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈستىدە بىرلىكتە ئويلىنىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرلىكتە تۇتۇپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىش، ياخشى ئىش قىلىش جەريانىدا كەنت كادىرلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

تەرەققىيات پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىنى توغرا تېپىش

«جاڭ شۇجى، مەن بۇ ئايدا كىيىم - كېچەك زاۋۇتىدىن 4100 يۈەن مائاش ئېلىپ، بەك خۇش بولدۇم» دېدى 8- ئاينىڭ 5- كۈنى ئەتىگەندە كەنت ئاھالىسى كامىنە تاشمەمەت جاڭ تاۋغا. ئىلگىرى، كامىنەنىڭ خىزمىتى يوق بولۇپ، تۇرمۇشتا تۆۋەن كاپالەتكە تايىناتتى. جاڭ تاۋنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە ياردەم بېرىشى بىلەن، كامىنە ئۆيدىن چىقىپ ئىككى قولىغا تايىنىپ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتى.

جاڭ تاۋ ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا، كەنتتە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ ئاران 3.5 مو ئىكەنلىكىنى، يەر ئاز، ئادەم كۆپ بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش قەدىمىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايقىدى. ئۇ كۆڭلىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم چارە تاپىمەن، دەپ ئىرادە باغلىدى.

جاڭ تاۋ مۇنداق دېدى: «بىز دۈشەنبە كۈنىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىگە پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتىكى تىپلارنى پائال تەشۋىق قىلدۇق، بېيىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنت ئاھالىلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىقلارغا تەشكىللەپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئاممىنىڭ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتتۇق».

خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، كەنت ئاھالىسى گۈلنىسا لاچىن بۇ يىل بورتالا شەھىرىنىڭ «ئەڭ گۈزەل بورتالالىق»نى باھالاش پائالىيىتىدە، شەرەپ بىلەن «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى بايراقدار» دېگەن نامغا ئېرىشتى. «ئائىلىمىزنىڭ يەتتە مو تېرىلغۇ يېرىنى ئوبوروت قىلغاندىن كېيىن، ھەر مو يەردىن يىلىغا 645 يۈەن كىرىم قىلدۇق. مەن سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ ئېيىغا 3000 يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىمەن، كەپتەر بېقىشتىن يىلىغا 50 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىمىز، 2018- يىلى ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى 100 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى» دېدى گۈلنىسا.

خىزمەت ئەترىتىنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى بىلەن، ئامىبنناباگ كەنتىدىن 300دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلدى، كەنتتە يەنە بازار قۇرۇلدى، كەنت ئاھالىلىرى پېچىنە - پىرەنىك دۇكىنى، ساتىراشخانا، راڭپىزىخانا، تىككۈچىلىك دۇكىنى ئېچىپ، كۆپ مەنبەدىن كىرىمىنى ئاشۇردى.

ھەرقايسى مىللەتلەر بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىش

كۈنلىرىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈش

«تاغا، ئوغلىڭىز قانداقراق؟» «ياخشى بولۇپ قالدى، رەھمەت سىزگە، خىزمەت ئەترىتىگە رەھمەت، يۇرتداشلارنىڭ بىزگە قىلغان ياردىمىگە رەھمەت.» 8- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن، جاڭ تاۋ ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ كەنت ئاھالىسى ئۇرىلباينىڭ ئۆيىگە كەلدى.

2018- يىلى 7- ئايدا، ئۇرىلباينىڭ ئوغلى ئېغىر يارىلىنىپ ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كەلگەن، جاڭ تاۋ بىر تەرەپتىن دوختۇرخانىنىڭ ئوپېراتسىيە قىلىشىنى ماسلاشتۇردى ھەم ئوپېراتسىيە ھەققىنى توپلاشقا ياردەملەشتى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇرىلباينىڭ ئوغلىغا قان بېرىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوپېراتسىيەنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

ئۇرىلباي مۇنداق دېدى: «بۇ ئىشتىن نېمىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشەندىم، مەن ئەڭ قىيىنچىلىقتا قالغان چاغلاردا، ئەتراپىمدىكى ھەر مىللەت تۇغقانلىرىم ماڭا ياردەم قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، مەنمۇ كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە، ياردەمگە موھتاج تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم قىلىمەن».

جاڭ تاۋ مۇنداق دېدى: «بىز كەنت كادىرلىرى بىلەن دائىم پارتىيە ياچېيكىسىنى بىرلىك قىلىپ ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى، تەلىپىنى ھەل قىلدۇق، بۇنداق بولغاندا، شەخسنىڭ كۈچى يېتەرلىك بولماسلىقنى تولۇقلاپلا قالماي، يەنە جانلىق، ھەرىكەتچان خىزمەت مېخانىزمىنىمۇ شەكىللەندۈرگىلى بولىدىكەن».

بۈگۈنكى كۈندە، بورتالا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىكى 326 خەلق ساقچىسىنىڭ ھەربىرى بىردىن ئىككىگىچە كەنت ئاھالىسى بىلەن تۇغقانلاشتى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئون نەچچە قېتىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، 300 قېتىمدىن ئارتۇق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى، 1000دىن ئارتۇق ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى