تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىز كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن ساياھەتچى 8 مىليون 923 مىڭ 700 ئادەم قېتىم بولدى

سېلىشتۇرما ئۆلچەم بويىچە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.11 ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭنىڭ 8- ئاينىڭ 13- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈچىنچى تەرەپ شىركەتنىڭ تەكشۈرۈپ ئىستاتىستىكا قىلىشىغا قارىغاندا، 2019 - يىلى قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە (8- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 13- كۈنىگىچە)، ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىي كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى ساياھەتچىسى 8 مىليون 923 مىڭ 700 ئادەم قېتىم بولۇپ، سېلىشتۇرما ئۆلچەم بويىچە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.11 ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان دۆلەت ئىچى ساياھەت كىرىمى 12 مىليارد 728 مىليون يۈەن بولۇپ، سېلىشتۇرما ئۆلچەم بويىچە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.17 ئاشقان.

قاناس مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كۈندىن - كۈنگە كۆپەيگەن، 8- ئاينىڭ 10- كۈنى مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 102 مىڭ 391 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23 ئاشقان. 8- ئاينىڭ 12- كۈنى، مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 111 مىڭ 578 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37 ئاشقان. تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن، قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى جەمئىي 109 مىڭ 31 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49.37 ئاشقان، ساياھەت ئىقتىسادىي كىرىمى 195 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %57.4 ئاشقان. لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونى تۆت كۈنلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 14 مىڭ 518 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 2 مىليون 178 مىڭ يۈەن بولغان.

«مەنزىرە رايونى ساياھىتى»دىن «پۈتۈن رايون ساياھىتى»گە ئۆزگىرىشكە ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ساياھەتچىلەر دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى.

دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تارباغاتاي ۋىلايىتى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى جەمئىي 387 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %58.3 ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 350 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %57.4 ئاشقان. «پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھىتى، يېزا - كەنت ساياھىتى، شەھەر ئەتراپى ساياھىتىنىڭ ئېشىشى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھىتى قىلغىلى كېلىدىغانلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. ئىستىراھەت ساياھىتى، يېزا - كەنت ساياھىتى، ساغلاملىق كۈتۈنۈش ساياھىتى قاتارلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش ئۇسۇلى ۋە ئىستېمال قارىشىدا ئۆزگىرىش بولماقتا» دېدى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى چەي خۇڭخۇا.

مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھىتى قىلىش دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئالدىن تاللىشىغا ئايلانغان. ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھىتى، يېزا - كەنت ساياھىتى قاتارلىق ساياھەت شەكىللىرى ئاقسۇ ۋىلايىتى ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان، دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى جەمئىي 516 مىڭ 500 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %166.5 ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 45 مىليون 261 مىڭ 600 يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %272.7 ئاشقان.

بايراملىق دەم ئېلىشنىڭ ساياھەتكە تۈرتكە بولۇش ئۈنۈم ئېففېكتى كۆرۈنەرلىك بولغان. ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھىتى، سالقىنداش ساياھىتىنىڭ كىچىك يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالغان، نۇرغۇن ساياھەتچى مۆلجەر تېغى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىپ سالقىنداش ساياھىتى قىلغان. پۈتۈن ناھىيە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى جەمئىي 43 مىڭ 600 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 3 مىليون 843 مىڭ يۈەن بولغان، كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانى ۋە ساياھەت كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60تىن كۆپرەك ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى