شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر يەن شوۋلىن فوتوسى، خەۋىرى): 8-ئاينىڭ 2-كۈنى، باھالىغۇچىلار نازۇنېمەتلەرگە نومۇر قويدى. شۇ كۈنى، ئونسۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىكتە ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «ئاشپەز شاھىلىقنى تالىشىش مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزدى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار قورۇما تۈرى، ئىسسىق يېمەكلىك تۈرى، سوغۇق يېمەكلىك تۈرىدىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ كەسكىن رىقابەتلەشتى، مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان يېمەكلىكلەر خاسلىققا ئىگە، شەكلى ئۆزگىچە بولۇپ، كۆركەم ۋە تەملىك ئىدى.
[يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش] ئونسۇ ناھىيەسىدە «ئاشپەز شاھىلىقنى تالىشىش مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈلدى
مۇھەررىر :
ئايزۆھرە ئەنۋەر
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2019/08/15 13:26
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.