تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ شىنيەن، تاڭ شەنشەن) : 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى «ساياھەتچىلەرنى باشلاش ۋە ساياھەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى بويىچە مۇكاپاتلاش چارىسى» ساياھەتچىلىكتە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 30 نەچچە ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇلار بورتالا ئوبلاستىنىڭ ساياھەتچىلىكتە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى، ساياھەت بازىرىنى ئېچىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، مۇلازىمەت كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ، كونكرېت پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى .
شىنجاڭ شىندالۇ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ليۇ شىنفېڭ سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بىز بورتالا ئوبلاستىنىڭ ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىرادىسى، سەمىمىيىتىنى كۆردۇق، شۇنداقلا بۇ ساياھەت سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كۈتكىلى ئۇزۇن بولدى. ساياھەت بايلىقىنى ئېچىشتىن قارىغاندا، بورتالا ئوبلاستىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل ھەم تەبىئىي بولۇپ، بىز يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىپ، ئوخشاش بولمىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئېگىز تاغ ، كۆل، يايلاق، قۇملۇق، چۆل، توغراق... شىنجاڭنىڭ ساياھەت مەنزىرىسىنى بورتالا ئوبلاستىدا ئاساسەن ھېس قىلغىلى بولىدۇ، بورتالا ئوبلاستىنى شىنجاڭنىڭ مىكرو نۇسخىلىق ساياھەت رايونى دېيىشكە بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالا ئوبلاستى ساياھەتچىلىكنى ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپ سۈپىتىدە بەرپا قىلدى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، 3 مىليون 596 مىڭ 600 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىپ، ساياھەتچىلىك كىرىمى 5 مىليارد 11 مىليون يۈەنگە يېتىپ، قوش ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى.