تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىت

قۇرۇمقاش شەھىرىدىكى بىر تۇەن-مەيداننىڭ ئاساسىي رېڭى «سېرىق» تىن «يېشىل»غا ئۆزگەردى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ جياڭيەن): «يىلدا بىر چىقىدىغان بوران ئەتىيازدىن قىشقىچە چىقىدۇ؛ بوران چىقىپ قۇمنى توزىتىدۇ، پۇتنى كۆتۈرسە ئىز قالمايدۇ.» 15 يىل ئىلگىرى، بىڭتۇەن 14-شىسى قۇرۇمقاش شەھىرى 224-تۇەنى دەل مۇشۇنداق ئىدى. ئەمما ھازىر كۆزگە چېلىقىدىغىنى بۈك-باراقسان دەل-دەرەخلەر ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بولۇپ، تۇەننىڭ ئاساسىي رېڭى«سېرىق»تىن «يېشىل»غا ئۆزگەردى.

  7-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەشكىللىگەن تىيانشان مۇھىت ئاسراش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 224-تۇەنگە كەلدى. يىراقتىن نەزەر سالسا، ھەممىلا يەر يېشىلىققا پۈركەنگەن، يولنىڭ بىر تەرىپىگە چىلان دەرىخى تىكىلگەن بولۇپ، چىلانلار شاخلارغا لىق تولغانىدى؛ يولنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە قاتار-قاتار ئېگىز تېرەك ۋە توغراقلار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.

  بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى 224 –تۇەندىكىلەرنىڭ قەتئىي بوشاشماسلىقى ۋە چىڭ تۇرغانلىقىدىن بولغانىدى، 2004-يىلى 3-ئايدا ۋىۋىسكا ئېسىلىپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20 مىڭ مودىن ئارتۇق كۆچەت تىكىلىپ ئومان بىنا قىلىندى، ھازىرغا قەدەر 217 مىڭ مو قاقاس قۇملۇقنى تۈزەش تاماملىنىپ، قۇملۇق بەلبېغىنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئۆزگىرىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

  224-تۇەن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. «15 يىلدىن بۇيان، سۈنئىي  ئورمان بەرپا قىلىش ۋە تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قۇرۇلۇش تەدبىرى بىلەن بىيولوگىيەلىك تەدبىرنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، بوستانلىقنىڭ ئالدىنقى سېپىنى قۇملۇقنىڭ شىمالىغا 23 كىلومېتىر سىلجىتتۇق» 224-تۇەن-مەيدانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى گاڭ شۇنداق دېدى.

  ھۆددىگەر دۇڭ جىنخۇا 2009-يىلى 224-تۇەن 5-ليەنگە كېلىپ، 50 مو يەرگە چىلان تېرىغان بولۇپ، ھازىر چىلان كۆچەتلىرى 2-3 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۆسۈپ، چىلان شاخلىرى مېۋە بىلەن تولدى. «2018-يىلى بىز 25 توننا قۇرۇق چىلان يىغىپ، 230 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق» دېدى دۇڭ جىنخۇا خۇشال ھالدا.

  ئىگىلىنىشىچە، 224-تۇەن دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق سۇغىرىشىدا ئىشلىتىلىدىغان سۇغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ يەرگە يەنە بىر قۇم تىندۇرۇش كۆلچىكى ياساپ، بوز يەر رايونىنىڭ جەنۇبى ئېگىز، شىمالى تۆۋەن بولۇشتەك تەبىئىي پەرقىدىن پايدىلىنىپ، سۇنى تۇرۇبا يولى ئارقىلىق ئېتىزلارغا يەتكۈزدى.

  نۆۋەتتە، 224-تۇەن 188 مىڭ مو ئىقتىسادىي ئورمان، 29 مىڭ مو ئىھاتە ئورمىنى، 8600 مو دۆلەت ئېكولوگىيە ئاممىۋى پاراۋانلىقى ئورمىنى بەرپا قىلدى، مۇقىم قۇملۇق 95 مىڭ مو بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى