تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«فۇشىڭ» ناملىق ئوق پويىز ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى-كورلا ئارىلىقىدا قاتنايدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز ساۋ خۇا، يۈ يىچاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر شۈ تاۋ خەۋىرى، فوتوسى): «فۇشىڭ» ناملىق ئوق پويىز ئارقا-ئارقىدىن شىنجاڭغا يېتىپ كېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا كەڭ كۆلەمدە قاتناشنى باشلىدى. مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، شىنجاڭ تۆمۈريولى يىل ئىچىدىكى 10-قېتىملىق يولۇچىلار پويىزنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىنى تەڭشەشنى يولغا قويىدىكەن، شۇ چاغدا ئۈرۈمچىدىن كورلىغا تۇنجى بولۇپ «فۇشىڭ» ناملىق ئوق پويىز قاتنايدىكەن.

  ئىگىلىنىشچە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئۈرۈمچىدىن كورلىغا ئۈچ جۈپ «فۇشىڭ» ناملىق ئوق پويىز ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. 1-جۈپ C8802/3\ ،C8804/1 قېتىملىق پويىز سەھەردە يولغا چىقىپ چۈشتە يېتىپ بارىدىكەن. C8802/3 قېتىملىق پويىز ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن سائەت 9:05دە يولغا چىقىپ، سائەت 12:48دە كورلىغا يېتىپ بارىدىكەن؛ C8804/1 قېتىملىق پويىز كورلىدىن 8:50دە يولغا چىقىپ، 12:42دە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدىكەن. 2-جۈپ C8806/7،C8808/5 قېتىملىق پويىز چۈشتە يولغا چىقىپ، چۈشتىن كېيىن يېتىپ بارىدىكەن. C8806/7 قېتىملىق پويىز ئۈرۈمچى بېكىتىدىن  سائەت 13:30دە يولغا چىقىپ، 17:08دە كورلىغا يېتىپ بارىدىكەن؛ C8808/5 قېتىملىق پويىز 13:14دە كورلىدىن يولغا چىقىپ، 16:53دە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدىكەن؛ 3-جۈپ C8810/1، C8812/09 قېتىملىق پويىز چۈشتىن كېيىن يولغا چىقىپ، كەچتە يېتىپ بارىدىكەن. C8810/1 قېتىملىق پويىز 17:32دە  ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، 21:28دە كورلىغا يېتىپ بارىدىكەن؛ C8812/09 قېتىملىق پويىز 17:30دە كورلىدىغان يولغا چىقىپ، 21:21دە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە C8806/7، C8808/5 قېتىملىق پويىز بىۋاسىتە بارىدىغان بولۇپ، C8806/7 قېتىملىق پويىزنىڭ پۈتۈن مۇساپىگە كېتىدىغان ۋاقتى ئەڭ قىسقا ئىكەن، ئۈرۈمچىدىن كورلىغا ئۈچ سائەت 38 مىنۇتتىلا يېتىپ بارىدىكەن، ئەسلىدىكى ئەڭ تېز بولغان «جەنۇبىي شىنجاڭ يۇلتۇزى» شەھەرلەر ئارا پويىزىنىڭ پۈتۈن مۇساپىگە سەرپ قىلغان ۋاقتىدىن 15 مىنۇت قىسقىرايدىكەن. 

  ئۈرۈمچىدىن كورلىغا بارىدىغان «فۇشىڭ» ناملىق ئوق پويىزنىڭ بېكىتىلگەن ئادەم سانى 720 بولۇپ، 1-دەرىجىلىك ئورۇن ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك ئورۇندىن ئىبارەت ئىككى خىل ئورۇنغا بۆلۈنگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، 1-دەرىجىلىك ئورۇندىن 56سى بار بولۇپ، بېلەت باھاسى 172 يۈەن، 2-دەرىجىلىك ئورۇندىن 664ى بار بولۇپ، بېلەت باھاسى 108 يۈەن ئىكەن.

  شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچىدىن كورلىغا قاتنايدىغان «فۇشىڭ» ناملىق ئوق پويىز يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، پويىزنىڭ كېيىنكى سەپلىمىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچىدىن غۇلجا، كۈيتۈن، شىخۇ قاتارلىق جايلارغا «فۇشىڭ» ناملىق ئوق پويىز ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇلىدىكەن، كونكرېت قاتناش ئىشلىرى ئايرىم ئېلان قىلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى