تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋىرى): ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتسە ئادەم ئاسانلا چارچاپ قالىدۇ، ئەمما ئەتىلا ھەپتە ئاخىرى بولىدىغانلىقىنى ئويلىسىڭىز، قايتىدىن روھلىنىپ كېتىسىز!
بۈگۈن تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ℃35 تىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃40 تىن يۇقىرى بولىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃33، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃22 بولىدىكەن. 8-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا يەنە ℃35 قا چىقىدىكەن.
ئاخىرىدا تاشيوللارنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتىغا دىققەت قىلىپ باقايلى: G312، G30 لىنىيەسىنىڭ جىڭدىن شىخۇغىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسى بىلەن G3014 لىنىيەسىنىڭ ئورقۇدىن كۈيتۈنگىچە بولغان بۆلىكى، G3015 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن كۈيتۈنگىچە بولغان بۆلىكى، G315 لىنىيەسىنىڭ خوتەندىن خۇڭليۇگۇغىچە بولغان بۆلىكىدە ℃37 تىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، G312، G30 لىنىيەسىنىڭ تۇرپاندىن پىچانغىچە بولغان بۆلىكى، G314 لىنىيەسىنىڭ شياۋساۋخۇدىن توقسۇنغىچە بولغان بۆلىكى قاتارلىق لىنىيە بويلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃40 تىن يۇقىرى بولىدىكەن.