تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ لۇبىن، جوۋ فاچېڭ فوتوسى، خەۋىرى): ياز كىرگەندىن بۇيان، توپ-توپ ياۋا سۇ قۇشلىرى شىنجاڭ باغراش كۆلىدە ئويناقشىپ، گۈزەل بىر مەنزىرىگە ئايلاندى، زۇمرەتتەك سۈزۈك كۆل يۈزى «كىچىك زېرەكچاق» لارنىڭ ئەڭ ياخشى ماكانى بولۇپ قالدى.
يېقىندا، دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولغان باغراش كۆلى ليەنخەي دۇنيا مەنزىرە رايونىدا، گۈزەل نېلۇپەر گۈلى «گۈل دېڭىزى» دىن ئۆتكەندە، جۈپ-جۈپ ئۇقار، قارا قۇ، يېكەن توخۇسى قاتارلىق ياۋايى قۇشلارنىڭ سۇدا ئويناۋاتقانلىقىنى ياكى ئوزۇقلۇق ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. «ھەر يىلى 7-ئايدىن 10-ئايغىچە بولغان ۋاقىت باغراش كۆلىنى تاماشا قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى، تاغ ۋە كۆلنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، قومۇشلارنىڭ تەۋرىنىشى، ياتما نېلۇپەر ۋە توپ-توپ سۇ قۇشلىرى باغراش كۆلىنىڭ گۈزەل تەبىئەت كارتىنىسىنى ھاسىل قىلىدۇ» دېدى شۇ جايدىكى بىر فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى تونۇشتۇرۇپ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشى ۋە ئاممىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ئېڭىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، كۆل رايونىدىكى ياۋايى قۇشلارنىڭ تۈرى ۋە سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، كۆل قۇشلار كۆچۈش يولىدا توختايدىغان، ئوزۇق ئىزدەيدىغان، ماكانلىشىپ كۆپىيىدىغان تەبىئىي ئورۇنغا ئايلاندى.