تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولدى

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمېي، جاۋ چۇنخۇا، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى لى ۋېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، سۆھبەتلىشىش - پىكىر ئالماشتۇرۇش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، سىردىشىش - پاراڭلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىنى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئۆزلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاش جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇش جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولدى.

لى ۋېي ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ، ئاقسۇ، قىزىلسۇ، قەشقەر شۆبە ھەربىي رايونلىرىنىڭ چېگرا مۇداپىئە بىرىنچى سەپ قىسىملىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، لى ۋېي ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە، چارلاشنىڭ بىرىنچى سېپىگە، ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چېگرا مۇداپىئە تۇەنى، ئورۇنلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، چېگرا مۇداپىئە يىڭى، ليەنىدىكى كوماندىر - جەڭچىلەر بىلەن سىردىشىپ، ۋەزىپە بىرىنچى سېپىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ، نەق مەيدانغا بېرىپ چارلاش لىنىيەسى قاتارلىقلارنى چارلاپ، چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى قۇرۇلۇشىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ساقلانغان زىددىيەت، قىيىنچىلىق ۋە كەمتۈك، ئاجىز تۈرلەرنى ئىگىلەپ، كوماندىر - جەڭچىلەرنىڭ ھەربىي رايون پارتكومىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

نۆۋەتتىكى چېگرا مۇداپىئە ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قارىتا، لى ۋېي چېگرا مۇداپىئە كوماندىر - جەڭچىلىرى بىلەن بىرلىكتە سەۋەبلەرنى تەھلىل قىلدى، ئاجىز ھالقىلارنى تەكشۈرۈپ تاپتى، كېيىنكى قەدەمدىكى تەدبىرلەرنى بېكىتتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، چېگرادا يىلتىز تارتىپ، چېگرانى قىزغىن سۆيۈپ، چېگرا مۇداپىئەسى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، چېگرانى مۇستەھكەملەش، چېگرانى كۈچەيتىش، چېگرانى گۈللەندۈرۈشتە تېخىمۇ زور نەتىجە يارىتىپ، ۋەتەننى قوغداش، چېگرانى ساقلاشتەك مۇقەددەس بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي چېگرانىڭ مۇستەھكەملىكىنى، چېگرانىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

شۈ خەيرۇڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى چىماشەن تەۋەلىك رايونى شىشېڭ مەھەللىسى قاتارلىق يەتتە مەھەللىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، بىر قىسىم خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتلىرى، ساقچىخانا، ئەدلىيە ئورنى، سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم كۆپ مەيدان سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيىتىنى ئىدارە قىلىشتىكى كەمتۈك، ئاجىز تۈرلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تېپىپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيىتىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلدى، تەھلىل قىلدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا، شۈ خەيرۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە خىزمىتىنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم كۈچ تىرىكى ئاساسىي قاتلامدا، ئەڭ گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرمۇ ئاساسىي قاتلامدا. ئاساسىي قاتلام جەمئىيىتىنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەركىزىي ۋەزىپىنى چۆرىدەپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، ئىقتىدارنى ئاشۇرۇپ، ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيىتىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

6- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، ئەركىن تۇنىياز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات سودا كوپىراتىپى قاتارلىق شەھەر، ناھىيە (رايون) ۋە ئۆزى مەسئۇل تارماقلارغا بېرىپ، شەھەر، ناھىيە (رايون) ۋە ئۆزى مەسئۇل تارماقلارنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى نەزەردە تۇتۇپ، قاراتمىلىق ھالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەرقايسى ئورۇنلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمىدە نامايان قىلىشى كېرەك. ئۆزى مەسئۇل تارماقلارنىڭ باش تېما تەربىيەسى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا قارىتا، ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، نىشان - ۋەزىپىگە سېلىشتۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى