تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

لو چۈنشېڭ: باتۇر ۋە جەڭگە ماھىر بولۇش  دۆلەتكە ھاياتىنى تەقدىم قىلىش

لو چۈنشېڭنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (شېنياڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى تەمىنلىگەن)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنچاڭ، 7- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر گاۋ يىۋېي) «يولداش چۈنشېڭ قۇربان بولدى، ئەمما ئۇنىڭ تۆھپىسى مەڭگۈ قەلبىمىزدە ساقلىنىدۇ، ئۇنىڭ سەمىمىي - سادىقلىق بىلەن پارتىيە ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھى بىزنى مەڭگۈ تەسىرلەندۈرىدۇ، ئۇ ئۆگىنىش ئۈلگىمىزگە ئايلاندى.» جياڭشى ئۆلكىسى جىئەن ناھىيەسى يوۋتيەن بازىرى پەنتيەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى لو خۇيچېڭنىڭ ئۆيىدە شۇنداق بىر پارچە خەت ساقلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش جەڭ مەيدانىدا قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربان لو چۈنشېڭنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى بايان قىلىنغان.

لو چۈنشېڭ 1916- يىلى جياڭشى ئۆلكىسى جىئەن ناھىيەسى يوۋتيەن بازىرىنىڭ پەنتيەن كەنتىدە تۇغۇلغان. 1930- يىلى 3- ئايدا جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىگە قاتنىشىپ، قىزىل ئارمىيە جياڭشى مۇستەقىل 3- شىسى مۇستەقىل تۇەنىنىڭ جەڭچىسى بولغان، 8- ئايدا قىزىل 1- جۈنتۇەنى 1- شى 2- تۇەنىگە يۆتكەلگەن، 1931- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئالاقىچى، بەنجاڭ، پەيجاڭ، قوغداش ئىدارىسىنىڭ بۆلۈم ئەزاسى، قىزىل 2- شى 5- تۇەنىنىڭ خاس ۋەكىلى بولغان، مەركىزىي سوۋېت رايونىنىڭ «قورشاپ يوقىتىش»قا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ۋە ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقان.

1937- يىلى 3- ئايدا، لو چۈنشېڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ھەربىي سىياسىي داشۆسىگە كىرىپ ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شەنشى - گەنسۇ، نىڭشيا چېگرا رايونىنى ساقلاشقا قالدۇرۇلغان بىڭتۇەن گۇەنجۇڭ مۇستەقىل 1- يىڭىنىڭ مۇئاۋىن يىڭجاڭى، يىڭجاڭى، مۇستەقىل 3- تۇەنىنىڭ مۇئاۋىن تۇەنجاڭى بولغان، گۇەنجۇڭ شۆبە رايونىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ماۋ جۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا مەسئۇل بولغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، لو چۈنشېڭ قىسىمغا ئەگىشىپ شەرقىي شىمالغا ئىلگىرىلەپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ لياۋدۇڭ ھەربىي رايونى مۇھاپىزەتچىلەر تۇەنىنىڭ تۇەنجاڭى، مۇستەقىل 2- شى 5- تۇەنىنىڭ تۇەنجاڭى، تۇڭخۇا شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ سەنمۇجاڭى، لياۋدۇڭ ھەربىي رايونى مۇستەقىل 1- شىسىنىڭ مۇئاۋىن شىجاڭى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

1950- يىلى 10- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئەينى چاغدا جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى 40- جۈن 120- شىسىنىڭ شىجاڭلىقىنى ئۆتەۋاتقان لو چۈنشېڭ بۇيرۇققا بىنائەن قىسىمنى باشلاپ چاۋشيەنگە كىرىپ ئۇرۇشقا قاتناشقان. ۋېنجىڭدىكى جەڭدە، ئۇ قىسىمغا قوماندانلىق قىلىپ دۈشمەننىڭ چېكىنىش يولىنى ئۈزۈۋېتىشتەك مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇرۇشتا شانلىق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن، ئۇدا جەڭ قىلىش داۋامىدا يەنە شىددەت بىلەن بۆسۈپ كىرىش، قورشاپ ھۇجۇم قىلىشتەك تېز ھەرىكەت بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسىگە زەربە بەرگەن. كېيىن ئۇ قىسىمنىڭ شىمالدىن جەنۇبقا ئىلگىرىلىشىگە قوماندانلىق قىلىپ، بەش قېتىملىق جەڭنى باشتىن كەچۈرۈپ، دۈشمەننى تاكى خەنجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغىچە قوغلاپ بېرىپ يوقاتقان.

1951- يىلى 8- ئايدا، لو چۈنشېڭ 118- شىنىڭ شىجاڭلىقىغا يۆتكەپ تەيىنلەنگەن. 1952- يىلى 5- ئايدا، لو چۈنشېڭ 118- شىنى باشلاپ 38- پاراللېلغا قايتىپ، 64- جۈن 192- شىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ مۇداپىئە ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈۋالماقچى بولغان. 5- ئاينىڭ 15- كۈنى، لو چۈنشېڭ ليەنچۇەن ئالدىنقى سېپىدىكى شىنسىدۇڭدا 192- شىدىن مۇداپىئە ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز دۈشمەن ئايروپىلانىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئېغىر يارىلىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ ئۈنۈم بەرمەي قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئاران 36 ياشتا ئىدى.

1952- يىلى 4- ئايدا، لو چۈنشېڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان جىيەنى (ئۆگەي ئوغلى) لو ۋېي بىلەن ئالاقىلەشكەندە، تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن لو ۋېيغا مۇنداق دېگەن: «بۇ مەيدان جەڭدە غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، مەن يۇرتقا قايتىپ چوڭلارنى، يۇرتداشلارنى يوقلايمەن.» قۇربان بولغاندىن كېيىن، يۇرتقا قايتىپ يوقلاش ئۇنىڭ يېتەلمىگەن ئارزۇسى بولۇپ قالغان. 1954- يىلى 1- ئايدا، ئىنقىلابىي قۇربان لو چۈنشېڭنىڭ جەسەت سۆڭىكى چاۋشيەننىڭ شىنگۇڭدۇڭدىن ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىنىپ دەپنە قىلىنغان.

لو ۋېينىڭ ئوغلى لو خۇيچېڭ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، دائىم كەنتتىكى بالىلارغا ئەجدادلارنىڭ ئۇزۇن سەپەر ۋە ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ باتۇرلۇق بىلەن دۈشمەننى يوقاتقانلىقىدەك ئىش ئىزلىرىنى سۆزلەپ، بالىلارنى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلار قان ئاققۇزۇش، قۇربان بېرىش بەدىلىگە قولغا كەلتۈرگەن بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەشكە ئىلھاملاندۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، بوۋىسى ۋە دادىسىنىڭ ئىش ئىزلىرى ئارقىلىق ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى پارتىيەگە سادىق، خەلققە سادىق، جەمئىيەتكە پايدىلىق ئادەم بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى