تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش] سەھەردە تاماق يەتكۈزۈپ قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش مېھرىنى ئىپادىلەش

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر پېڭ فاڭ خەۋىرى): ئەتىگەن سائەت 8:30دا، قاراماي جەنۇبىي يولى كۆتۈرمە يولىنىڭ نەنخۇ يولىغا چۈشۈش باغلىما يولى ئېغىزىدا، قاتناش ساقچىسى ئوۋ جيەنلياڭ ئاپتوموبىللارنىڭ تەرتىپلىك يۈرۈشىگە قوماندانلىق قىلىۋاتاتتى، يول بويىدا بىر ئايال قولىدا تاماق قاچىسى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، ئۇ بىرەيلەننى ساقلاۋاتقاندەك قىلاتتى.

بۇ ئايالنىڭ ئىسمى ئايگۈل بولۇپ، ئۇ ئوۋ جيەنلياڭنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى، ئۇ ئوۋ جيەنلياڭنىڭ ناشتىلىق قىلالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئەتتىگەندىلا مانتا ئېتىپ، باباۋجوۋ قاينىتىپ ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

ئىشىنى تۈگەتكەن ئوۋ جيەنلياڭ ئۇنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ باردى، «تېز يەڭ، مانتا تېخى ئىسسىق تۇرۇپتۇ» دېدى ئايگۈل. ئوۋ جيەنلياڭ قوللىرىنى قېقىشتۇرۇپ مانتىنى ئاغزىغا سالدى.

ئەتراپتىكى خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىپ: «بۈگۈن ھەدىمىز يەنە قانداق ياخشى تاماق ئېلىپ كەپتۇ؟» دېيىشىپ كەتتى.

ئايگۈل ئۇلارغا دەرھال چۈشەندۈرۈپ: «ئىنىم بەك ئالدىراش، دائىم ناشتا قىلالمايدۇ، ئاشقازىنىمۇ ياخشى ئەمەس. مەن ئۇنىڭغا تاماق ئېلىپ كەلدىم! سىلەرمۇ بىللە يەڭلار!» دېدى.

ئوۋ جيەنلياڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى تاشقى ئايلانما يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى. ئۇ بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 2016- يىلى 10- ئايدا ئايگۈل بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان.

تۇنجى قېتىم ئايگۈل بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئايگۈلنىڭ ئىككى بالىسىنىڭ چاقناپ تۇرغان يوغان كۆزلىرى ئوۋ جيەنلياڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى. ئايگۈل ئادەتتە ئۆيىدە بالىلىرىغا قاراپ سىرتقا ئىنتايىن ئاز چىقاتتى، سىرتتىكى ئىشلاردىن بىلىدىغانلىرى كۆپ ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئېرى سىرتلاردا ئىشلەمچىلىك قىلاتتى.

ئوۋ جيەنلياڭنىڭ بۇ ئائىلىگە قىلىپ بەرگەن تۇنجى ئىشى گېزىت زاكاز قىلىش بولدى، شۇنىڭدىن باشلاپ، ۋاقتى بولسىلا ئايگۈلنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلار بىلەن بىللە گېزىت ئوقۇپ، ئۇلارنى سىرتتىكى دۇنيادىن خەۋەردار قىلىپ تۇردى. بالىلارغا خەت يېزىش، رەسىم سىزىشنى ئۆگەتتى.

«ئۇ مېنىڭ ئۆز ئىنىمگە ئوخشايدۇ» دېدى ئايگۈل، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، ئوۋ جيەنلياڭ بالىلارنى پەن-تېخنىكا سارىيى، دېڭىز-ئوكيان سارىيى، باغچىلارغا ئاپارغان، يەنە ھەمىشە بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ياخشى سىياسەتلەرنى سۆزلەپ بەرگەن.

«گېزىتتە نۇرغۇن يېزا ئاياللىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ھېكايىلىرى سۆزلىنىپتۇ، ئىنىم شۇنداق ھېكايىلەرنى كۆرگەن ھامان ماڭا ئېيتىپ بېرىدۇ، ئۇ مېنىڭمۇ ئۆيدىن چىقىپ ئىشلىشىمگە مەدەت بېرىدۇ!»

بىر ئاي ئىلگىرى، ئوۋ جيەنلياڭنىڭ ياردىمىدە، ئايگۈل تازىلىق ئىشچىسىلىق خىزمىتىنى تاپتى.

«ئېرىممۇ خىزمەت ئالماشتۇردى، مائاشىمۇ بۇرۇنقىدىن يۇقىرى، مېنىڭمۇ كىرىمىم بار بولدى. ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئەمما مېنىڭ بۇ ئىنىم تېخى تۇرمۇشلۇق بولمىدى، ئالدىراش بولۇپ كەتسە تاماقمۇ يېمەيدۇ، ھەدىسى تۇرۇقلۇق ئۇنىڭغا ھېچقانچە ياردەم قىلالمىدىم، پەقەت ئۇنىڭغا يېيىشلىك تاماقلارنى ئېتىپ بېرىمەن، ئۆيگە كېلىپ يېسۇن دېسەم ئۇنىڭ ۋاقتى يوق، شۇڭا ئۆزۈم ئالدىراش ئەمەس ۋاقىتلاردا ئۇنىڭغا ئەكىلىپ بېرىمەن» دېدى ئايگۈل.

ئوۋ جيەنلياڭ مۇنداق دېدى: ئاتا-ئانام ئۈرۈمچىدە ئەمەس، ھەدەم بولغاندىن بۇيان، مېنىڭمۇ ئۈرۈمچىدە ئائىلەم بولدى. بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە مەن ئايگۈل ھەدەمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، بالىلارغا ھەمراھ بولۇپ ئوينايمەن، تۇغقانلار ئارىسىدىكى مۇھەببەت ئىنتايىن قىممەتلىك، بىز بۇ قېرىنداشلىق مېھرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى