7-ئاينىڭ 7-كۈنى، سۈيلىڭشى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى يەن شاۋۋېن پارنىكىغا تېرىغان رەڭلىك لازىلارنى تەكشۈرۈپ كۆرمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: شەندۇڭ ئۆلكىسى شوۋگۇاڭ شەھىرى دۆلىتىمىزدىكى مۇھىم كۆكتات چىقىدىغان جاي ۋە يىغىش-تارقىتىش ئورنى. 2014-يىلى، شوۋگۇاڭ شەھىرى سۈيلىڭشى كەنتى شوۋگۇاڭ شەھىرى جۇڭۋاڭ مېۋە-كۆكتات كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك شوخلا، رەڭلىك لازا، قوغۇن قاتارلىق سورتلارنى تېرىغان ئىدى. ھازىر، كوپىراتىپتا ئەزادىن 133 ئاھالە، زامانىۋى پارنىكتىن 1105 مو بار، كوپىراتىپ ھەر يىلى رۇسىيەنىڭ موسكۋا، ئېركۇتسىك، يېكاتېرىنبۇرگ قاتارلىق جايلىرىغا 15 مىڭ توننا سۈپەتلىك كۆكتات ئېكسپورت قىلىدۇ، سودا سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق. (جۇ جېڭ فوتوسى)