تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«مىخ قېقىش» روھى ئارقىلىق ئىستىلنى ئۆزگەرتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىدە پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى

«مىخ قېقىش» روھى ئارقىلىق ئىستىلنى ئۆزگەرتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىدە پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزەش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ «شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ىنىڭ تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىدىكى تەجرىبىلەر يەكۈنلىنىپ ۋە ئالماشتۇرۇلۇپ، ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر تەھلىل قىلىنىپ، ئىدىيە يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، تونۇش ئۆستۈرۈلۈپ، شەكىل ياخشىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىدە پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان بىر تۈرلۈك جەزمەن ئورۇندايدىغان سىياسىي ۋەزىپە. سىياسىي ئاڭلىقلىقنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش يۈكسەكلىكىدىن، سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى بولماسلىق، ئاساسىي مەقسەت ئېڭى كۈچلۈك بولماسلىق، ئەسلىي مەقسەت - بۇرچ ئاجىزلىشىش، ئىستىلى چىڭ بولماسلىق، ئەمەلىي بولماسلىق مەسىلىلىرىنى گەۋدىلىك ھەل قىلىپ، «مىخ قېقىش» روھى ئارقىلىق ئىستىلنى ئۆزگەرتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن - فاڭجېنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، «تۆتكە توغرىلىنىش» تەلىپى بويىچە، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ، پارتىيەۋىلىكى ساپ بولماسلىق، سىياسىي نەتىجە قارىشى توغرا بولماسلىق مەسىلىسىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ تۈزىتىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىدىيە مەنبەسىدىن شەكىلۋازلىق جاھىل كېسىلىنى تۈگىتىش كېرەك. مەركەزنىڭ تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، تۈگىمەس ھۆججەت ۋە ئۈزۈلمەس يىغىننىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىخچاملاشتۇرۇش، مىقدارلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچىنى جايىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يۇقىرىغا مەسئۇل بولۇش بىلەن تۆۋەنگە مەسئۇل بولۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە، مەسىلىنى بايقاش بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە، قاتتىق نازارەت قىلىش - قاتتىق تەكشۈرۈش بىلەن مۇۋاپىق، جايىدا بولۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېتەكلەش، مۇلازىمەت قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش زىيادە كۆپ، زىيادە تەكرار بولۇش، زىيادە ئىز قالدۇرۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى، زېھنىنى ئاجرىتىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش كېرەك. قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈش، چەكلەش بىلەن رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ دىيالېكتىكىلىق بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەم دەل جايىدا جاۋابكارلىققا تارتىشنى كۈچەيتىپ، ھەم مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان كادىرلارغا مەدەت بېرىپ، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ، يۈرەكلىك بولۇشىغا يار - يۆلەك بولۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، جاسارەتلىك - ياراملىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئەمەلىي ئۈنۈم يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، بوشاشماي دائىم تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىدارە قىلىش ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بېرىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت سۇبيېكتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەشكە تۈرتكە بولۇش، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تۈزەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۈكنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى كونكرېت تۇتۇش، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ تۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جى جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق بىر قىسىم تارماقلار ۋە ۋىلايەتلەردىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ناھىيە دەرىجىلىككىچە ئېچىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى