تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   تەبىئەت

باشقىچە گۈزەل يېشىل توغراقلىق، قۇملۇقتىكى مىڭ يىللىق مۇھەببەت

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي، يىن توڭيۈەن، جانات تولقىن فوتوسى، خەۋىرى): تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى توغراقلىق بىر يىل ئىچىدىكى تۆت پەسلىنىڭ ھەرقايسىسىدا ئوخشىمىغان قىياپىتىنى نامايان قىلىدۇ. گەرچە 6-ئايدىكى ياز كۈنلىرى بولسىمۇ، توغراقلىق تېخى ئۆزىنىڭ ئەڭ گۈزەل مەزگىلىنى كۈتۈۋالمىغان ئىدى، شۇنداقتىمۇ نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەر ئۇنىڭ ئۆزگىچە گۈزەللىكىدىن قانغۇچە بەھرىمەن بولغىلى كەلگەن ئىدى.

6-ئاينىڭ 27-كۈنى، مۇخبىرلار «يېڭى دەۋر . بەختلىك، گۈزەل يېڭى چېگرا . شىنجاڭ ياخشى جاي» تور باش تېمىلىق پائالىيەت زىيارەت ئۆمىكى بىلەن بىللە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيەسىدىكى تارىم توغراقلىق باغچىسىغا كەلدى، بۇ يەردە شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتقان بولۇپ، ساياھەتچىلەر بەزىدە ئورمانلىقتا سەيلە قىلغاچ ھەرخىل غەيرىي شەكىللەردىكى توغراقلارنى تاماشا قىلسا، بەزىدە 25 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مەنزىرە كۆرۈش مۇنارىغا چىقىپ باغچىنىڭ پۈتۈن مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىۋاتقان ئىدى.

«گەرچە توغراق يوپۇرماقلىرى سارغايمىغان بولسىمۇ، لېكىن مەنزىرە كۆرۈش مۇنارىدىن يىراققا نەزەر سالساق، كۆز يەتكۈسىز توغراقلىق يەنىلا ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى.» ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ساياھەتچى ليۇ ۋېي شۇنداق دېدى، دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان توغراقلىقنىڭ گۈزەل سۈرەتلىرى ئۇنىڭ نۇرغۇن دوستلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.

بۈگۈر ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى فەن ۋېيمىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۈگۈر ناھىيەسى ناھىيە تەۋەسىدىكى توغراقلىقنى باشقۇرۇش، ئاسراش سالمىقىنى زورايتقان بولۇپ، ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىپلا قالماي، يەنە توغراقلىققا قارىتا كېسەللىك، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، بۈگۈر ناھىيەسى ھەر يىلى ياز پەسلىدە سۇ يېتەرلىك بولۇش ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، توغراقلىقنى ياخشى سۇغىرىش ئۈچۈن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تارىم توغراقلىق رايونىدا كەلكۈن باشلاش ئۆستىڭى چاپقان.

«تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ توغراق تاماشا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈمدە قانچىلىك خۇش بولۇپ پەخىرلەنگەنلىكىمنى ئېيتىپ بېرەلمەيمەن.» يەرلىكلەر توغراقلىقتىكى «تىرىك خەرىتە» دەپ ئاتايدىغان ئورمان مۇھاپىزەتچىسى ۋاڭ شياڭباۋنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، بۈگۈنكى كۈندە، بۈگۈر ناھىيەسىدىكى توغراقلىقتا ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى قوشۇنى ئەينى چاغدىكى ۋاڭ شياڭباۋ بىر ئادەمدىن، تەدرىجىي كۆپىيىپ 200 ئادەمگە يەتكەن، يەنە تېخى 19 توغراقلىق باشقۇرۇش-ئاسراش پونكىتى كۆپەيگەن.

توغراقلىقنى قوغداش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا ئەگىشىپ، بۈگۈر ناھىيەسىمۇ توغراقلىق بايلىق مەنبەسىگە تايىنىپ، دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قۇرۇپ چىققان.

مۇخبىرلارنىڭ بۈگۈر ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۈگۈر ناھىيەسى تارىم توغراقلىق باغچىسىنىڭ قۇرۇلۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تارىم توغراقلىق باغچىسىغا قارىتا ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى باشلىغان.

بۇ يىل، بۈگۈر ناھىيەسى تارىم توغراقلىق باغچىسى قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، باغچا ئىچىدىكى ئۇل ئەسلىھەلەرگە قارىتا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى توغراقلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى جۇڭگودا ئۆسىدىغان بولۇپ، جۇڭگودىكى %90تىن ئارتۇق توغراق يەنە تارىم دەرياسى ۋادىسىدا ئۆسىدىكەن. بۈگۈر ناھىيەسىدىكى تەبىئىي توغراقلىق تارىم دەرياسى تەبىئىي مەنزىرىسى، توغراق مەنزىرىسى، قۇملۇق مەنزىرىسى بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ، ھەر يىلى مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا، سۈرەتكە تارتىشقا، بۇ قەدىمىي دەرەخنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ مىڭ يىللىق ھېكايىسىنى ئاڭلاشقا جەلپ قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى