تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى-سانجى تېز سۈرئەتلىك تاشيولىدىكى قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان كېشەك جازىسىنىڭ ئېگىزلىكى 4.5 مېتىر، قاتناش ساقچىسى: ئېگىزلىكى چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ئاپتوموبىللار ئايلىنىپ مېڭىڭ!

  قىسىلىپ قالغان يۈك ئاپتوموبىلى (سۈرەتنى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى ئۈرۈمچى غەربىي چوڭ ئەترىتى تەمىنلىگەن)

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ شىن، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ جياۋ) ئېگىزلىكىگە چەك قويۇلغان كېشەك جازىسىنىڭ ئېگىزلىكى ئادەتتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈشىگە تەسىر كۆرسەتمىسىمۇ، لېكىن ئادەتتىن تاشقىرى ئېگىز ئاپتوموبىللار ناھايىتى ئاسانلا كېشەك جازىسىغا قاپسىلىپ قالىدۇ. يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان، پۈتۈن لىنىيەنىڭ ئېگىزلىكىگە 4.5 مېتىر چەك قويۇلغان ئۈرۈمچى-سانجى تېز سۈرئەتلىك تاشيولىدىكى بىر قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان كېشەك جازىسىغا ئالدى-كەينى بولۇپ ئىككى يۈك ئاپتوموبىلى قىسىلىپ قالغان.

  7-ئاينىڭ 2-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى ئۈرۈمچى غەربىي چوڭ ئەترىتى (يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى دەپ ئېلىنىدۇ) دىن ئىگىلىشىچە، ئارقا-ئارقىدىن ئىككى يۈك ئاپتوموبىلى قىسىلىپ قالغان بۇ كېشەك جازىسى ئۈرۈمچى-سانجى تېز سۈرئەتلىك تاشيولى ئۈرۈمچىدىن چىقىش يۆنىلىشىدە بولۇپ، 1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر شىركىتىنىڭ جەنۇبىي چىقىش ئېغىزىغا تەخمىنەن 100 مېتىر كېلىدىغان جايدا ئىكەن. «ئۈرۈمچى ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قوش يۆنىلىشتىكى تۆت ئاپتوموبىل يولىنى قوش يۆنىلىشتىكى سەككىز ئاپتوموبىل يولىغا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قىلىنىۋاتىدۇ، بۇ يەردە بىر لىم بار ئىدى، قۇرۇلۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىغان ئۈرۈمچى-سانجى تېز سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ غول يولىغا بۇ كېشەك جازىسى قۇرۇلدى، بۇ كېشەك جازىسىنىڭ ئېگىزلىكى ۋە پۈتۈن لىنىيە يولىنىڭ ئېگىزلىكى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، 4.5 مېتىر قىلىپ ياسالدى.» دېدى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى ئۈرۈمچى غەربىي چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىسى سېرىك قايىم.

  كېشەك جازىسى (سۈرەتنى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى ئۈرۈمچى غەربىي چوڭ ئەترىتى تەمىنلىگەن)

  6-ئاينىڭ 26-كۈنى ۋە 29-كۈنى، ئالدى - كەينى بولۇپ ئىككى يۈك ئاپتوموبىلى بۇ كېشەك جازىسىغا كەلگەندە قىسىلىپ قالغان. سېرىك قايىم مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: قىسىلىپ قالغان بۇ ئىككى يۈك ئاپتوموبىلدا بېسىلغان ماللارنىڭ ئېگىزلىكى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن، كېشەك جازىسىغا قىسىلىپ قالغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىلنىڭ ئۈستىگە باسقان ماللارنىڭ بەزىلىرى جىجىلىپ كەتكەن، بەزىلىرى سىقىپ چىقىرىۋېتىلگەن.

  «بىز ئاپتوموبىل چاقىنىڭ يېلىنى چىقىرىش، بىر قىسىم ماللارنى پەسكە چۈشۈرۈش ئارقىلىق، قىسىلىپ قالغان ئاپتوموبىلنى كېشەك جازىسىدىن ئاستا ئۆتكۈزدۇق.» دېدى سېرىك قايىم.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى-سانجى تېز سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ پۈتۈن مۇساپىدىكى چەك ئېگىزلىكى 4.5 مېتىر بولۇپ، ئۈرۈمچى-سانجى تېز سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ئاساسلىق يول ئېغىزىدا بولغاچقا، چەك ئېگىزلىك بەلگىسى ۋە چەك ئېگىزلىك بالدىقى ئورنىتىلغان، كېشەك جازىسىنىڭ ئېگىزلىكى پۈتۈن مۇساپىسىدىكى ئېگىزلىك چەكلىمىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ ، ھەممىسى 4.5 مېتىر كېلىدىكەن.

  ئېگىزلىكى 4.5 مېتىر دەپ ئەسكەرتىلگەن بەلگە تاختىسى

  ئۇنداقتا، قىسىلىپ قالغان ئاپتوموبىللار ئېگىزلىك چەكلىمىسى بار يول بۆلىكىگە قانداق كىرىپ قالغان؟ سېرىك قايىم مۇنداق دېدى: «ئىگىلىشىمىزچە، ئۇلار ئاساسلىق يول بۆلىكىدىن ئۈرۈمچى-سانجى تېز سۈرئەتلىك تاشيولىغا كىرمەي، ئۈرۈمچى-سانجى تېز سۈرئەتلىك تاشيولىنى بويلاپ باغلىما يول ئارقىلىق كىرگەن، بۇ جەرياندا ئېگىزلىككە چەك قويۇش بەلگىسى ۋە ئېگىزلىككە چەك قويۇش خادىسىنى بايقىمىغان، شۇنىڭ بىلەن كېشەك جازىسىغا قىسىلىپ قالغان.»

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى