تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ھۆل لازىنى كۆپ يېگەندە، دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاچچىق سەيلەرنى كۆپ يېگەندە راك كېسىلى، قان كەملىك تىپىدىكى يۈرەك كېسىلى، نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، لازىنى خام يەپ بەرگەندە Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ تۆۋەنلەيدىكەن.

تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئىلگىرى راك كېسىلى، يۈرەك كېسىلى، مېڭە سەكتىسى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ باقمىغان 30~79 ياشقىچە بولغان جۇڭگولۇق ئەر-ئايالدىن 487 مىڭنى تەجرىبىگە قاتناشتۇرغان. تەخمىنەن 7.2 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشتىن كېيىن مەلۇم بولۇشىچە، ئازراق لازىدا تەملەندۈرگەن تەقدىردىمۇ، ئاچچىق سەي يېگەن قېتىم سانى ۋە يۇقارقى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تەتۈر تاناسىپ بولۇپ، ئاچچىقنى يېگەن قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسا، كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ بالدۇر ئۆلۈش نىسبىتى شۇنچە تۆۋەن بولىدىكەن. بۇ نۇقتا ھاراق ئىچمەيدىغانلارنىڭ بەدىنىدە تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، تەتقىقاتچىلار يەنە تۇنجى قېتىم، قۇرۇق لازا يېگەنگە سېلىشتۇرغاندا، ھۆل لازىنى كۆپ يېگەندە Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى بايقىغان.

تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خام لازىنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى قۇرۇق لازىغا قارىغاندا مول بولۇپ، ئاچچىق يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار ھۆل لازا يەپ سىناپ باقسا بولىدىكەن، بۇنداق بولغاندا دىئابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە تۇرمۇش ئۇسۇلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان نۇرغۇن كېسەللەرنى ئازايتقىلى بولىدىكەن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى