تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلاردىن ۋاڭ لىنرۇڭ، خې ياڭ، نيەن لېي، سۇ چياڭ): 6-ئايدىكى باغراش كۆلىنىڭ زۇمرەتتەك سۇلىرى دولقۇنلاپ، بېلىقلار ئۈزۈشۈپ، قۇشلار پەرۋاز قىلدى. دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى باغراش كۆلى سۇ ئۈستى شادلىقىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى، جايلاردىكى ساياھەتچىلەر دەم ئېلىشتىن قانغۇچە ھوزۇرلاندى. 6-ئاينىڭ 7-كۈنى، خوشۇت ناھىيەسى جىنشاتەن مەنزىرە رايونىدا، دۇمباق ئاۋازى ياڭراپ، بۇژغۇنلار چاچراپ، دۈەنۋۇ بايرىمىلىق ئەجدىھا شەكىللىك قولۋاق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باغراش ناھىيەسى داخېكۇ مەنزىرە رايونىدىمۇ «جۇڭگونىڭ غەربىي دېڭىزى . باغراش كۆلى» 11-نۆۋەتلىك كۆل ئېچىۋېتىش پەسل باشلاندى، مىڭ كىشىلىك تاڭزۇڭزا زىياپىتى، پۈتۈن خەلق بېلىق تۇتۇش، سۇدىكى شۇڭغۇما پاراشوت، سۇ ئۈستى ۋېلىسىپىتى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، مەنزىرە رايونىنىڭ ھەممىلا يېرىدە كۈلكىلەر ياڭرىدى، باغراش كۆلى يازلىق ساياھەت دولقۇنى ئومۇميۈزلۈك كۆتۈرۈلدى.