ئۆز خەۋرىمىز: 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، «1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى ھارپىسىدا، قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونلۇق رۇيشياڭ يەسلىسى «دۆلەتنى، ئائىلىنى سۆيۈش، ئارزۇلارنى پەرۋاز قىلدۇرۇش» باش تېمىسىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
پائالىيەت نەق مەيدانىدا، بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ ئوماققىنە ياسانغان بالىلارنىڭ چېھرىدە بەختلىك تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. ئۇلار نەپىس ئۇسسۇللىرى، شوخ ناخشىلىرى بىلەن بايرامنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، يەنە ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋەتەننى مەدھىيەلىدى، گۈزەل تىلەكلىرىنى تىلىدى.
مەنزىرە تىياتىرى، خور، جۇڭخۇا چامباشچىلىقى، ۋاسكېتبول بىلەن نومۇر كۆرسىتىش.... رەڭدار ھەم مول ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرپلا قالماي، يەنە بالىلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، ئائىلىنى سۆيۈش ھېسىيىاتىنى ئۇرغۇتتى.
ئىگىلىنىشىچە، ئورقۇ رايونلۇق رۇيشياڭ يەسلىسى ئىزچىل «خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش»نى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كۈندىلىك ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەريانىدا، جۇڭگو مەدەنىيىتى ئىلمى، قەدىمكى شېئىرلار، جۇڭخۇا چامباشچىلىقى قاتارلىق شەكىللەردىكى ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى پائال يېتىشتۈرگەن.