تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپ پارتكوم شۇجىلىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇجىلىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرى خۇاڭ ۋېنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 5- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئالىي مەكتەپ پارتكوم شۇجىلىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇجىلىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئالىي مەكتەپلەر پارتكوملىرى پارتىيەنى باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى، مۇتلەق رەھبەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. نازارەتچىلىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجراسىدىكى «بىرىنچى خىل ھالەت»نى قوللىنىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. ئىنتىزام ۋە قائىدىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ھېيىقىشنى بىلىدىغان، ھەزەر ئەيلەيدىغان، تۆۋەن چەكنى ساقلايدىغان بولۇشقا يېتەكلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئاپپاراتلىرى نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىققا تارتىش ۋە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەر پارتكوملىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەردىكى رېۋىزىيە قىلىنىدىغان ئوبيېكتلارنىڭ تاشقى دائىرىسىنى قاتتىق بېكىتىپ، تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەر پارتكوملىرى نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  يىغىندا «ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكىر(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» ئوقۇپ ئۆتۈلدى، 14 ئالىي مەكتەپنىڭ رېۋىزىيە مەخسۇس خادىمى ۋەزىپىگە تەيىنلەندى ھەم رېۋىزىيە مەخسۇس خادىمى ئىشخانىسى تەسىس قىلىندى. شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتكوم شۇجىلىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىلىرىدىن ئالتە كىشى سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى