تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۈندۈزدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ مېڭ): بۇ بىر نەچچە كۈندە ھاۋا ئىسسىق بولدى: ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۈندۈزدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 31.9 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتتى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۈندۈزدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇراسى ℃30تىن ئاشتى، تۇرپان شەھىرىنىڭ كۈندۈزدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃40 ئەتراپىدا بولدى..... ئەمما سىز كۈتكەن سالقىن ھاۋامۇ يېتىپ كەلدى، 5-ئاينىڭ 21-،22-كۈنلىرى شىنجاڭ ھاۋارايى ئىستانسىسى ئارقا-ئارقىدىن قارا يامغۇر ۋە بوران ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقاردى.

  بىر ھەپتە ئىلگىرى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قىسمەن ناھىيە، شەھەرلىرىنىڭ ھاۋارايى ئاساسىي مېلودىيەسى يەنىلا «قىش پەسلىدىكىدەك» بولۇپ، كۈندۈزدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەنگە چۈشۈپ، 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شۇ جايدا ۋاقىتلىق پار بىلەن تەمىنلەش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنىدى. بۇ بىر نەچچە كۈندە، ھاۋارايىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى يەنە «ياز»غا ئۆزگەردى. ئالتاي ۋىلايەتلىك ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ مەلۇماتچىسى ۋاڭ دەن مۇنداق دېدى: «5-ئاينىڭ 21-كۈنى، بۇرچىن ناھىيەسى بىلەن بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃31تىن ℃31.9قىچە بولدى.»

  تۇرپان شەھىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئېگىزگە سەكرىگەندەك شىددەت بىلەن ئۆرلىدى. تۇرپان شەھەرلىك ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ ئىستانسا باشلىقى خۇ شۇاڭچۈەننىڭ ھاۋارايى سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ۋە 22-كۈنلىرى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃40 ئەتراپىدا بولغان.

  شەرقىي جەنۇب ئىللىق شامىلىنىڭ تەسىرىدە، 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى مەركىزىي شەھەر رايونىدا ℃30.8لۇق ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلدى. 5-ئاينىڭ 22-كۈنىمۇ بەكلا ئىسسىق بولدى.

  ئارقىدىن، يامغۇرلۇق ھاۋا يېتىپ كەلدى. 5-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 17دە، شىنجاڭ ھاۋارايى ئىستانسىسى قارا يامغۇر كۆك رەڭلىك سىگنالى چىقاردى: مۆلچەرلىنىشىچە، شۇ كۈنى يېرىم كېچىدىن 5-ئاينىڭ 23-كۈنى كېچىگىچە، ئىلى ئوبلاستى، شىخەنزە شەھىرى قاتارلىق جايلار ۋە بورتالا ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال، قارا يامغۇر ياغىدىكەن. 5-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 16دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ھاۋارايى ئىستانسىسى يەنە بوران كۆك رەڭلىك سىگنالى چىقاردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ «30غا توشسا 15نى كېمەيتىش» ئويۇنىنى ئويناشقا باشلىدى. شىنجاڭ ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى چېن چۈنيەن مۇنداق دېدى: «سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃5تىن ℃8 قىچە تۆۋەنلەيدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، 5-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى مەركىزىي شەھەر رايونىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃15، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃11 بولۇپ، ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدۇ. 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك تېمپېراتۇرا ئۆرلەشكە باشلايدۇ.»

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى