5-ئاينىڭ 11-كۈنى، مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى ۋولۇڭگاڭ كەنتىدە، بالىلار قۇش كۆزەتكۈچىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇشلارنى كۆزەتمەكتە.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر راۋ جۈنخۇا): 5-ئاينىڭ 11-كۈنى، مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى ۋولۇڭگاڭ كەنتىدە، شىنجاڭ قۇشلارنى كۆزىتىش جەمئىيىتى «2019-يىللىق شىنجاڭ قۇشلارنى سۆيۈش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى باشلاپ، 20دىن ئارتۇق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى يېتەكلەپ، يېقىن ئارىلىقتىن قارلىغاچ، قارلىغاچ ئۇۋىسىنى كۆزىتىپ، قۇشلارنى سۆيۈش، قۇشلارنى قوغداش، ئېكولوگىيەنى قوغداش ئېڭىنى يېتىلدۈردى.
شىنجاڭ قۇشلارنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى چىن يۈنفېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى «قۇشلارنى سۆيۈش ھەپتىلىكى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدە، ئەتراپىمىزدىكى ئەڭ تونۇش بولغان قارلىغاچ ئاساسلىق كۆزىتىش ئوبيېكتى قىلىنىپ، قۇشلارنىڭ كۆچۈشى ۋە قۇشلارنىڭ ماكانىغا كۆڭۈل بۆلۈشتىن باشلاپ، بىر قاتار قوغداش پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلىدىكەن.