تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

خىزمەتنى ئاھالىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك ئىشلەيمىز

− ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ سايباغ رايونى لۇيۈەن كوچىسى تىيانشان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە، ئىختىيارىي مۇخبىرى جاڭ لېي

   خىزمەت ئەترىتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، مەھەللىدىكى 4500 كىۋادرات مېتىرلىق مەيداننى ئۆزگەرتىپ ياسىدى ھەم ئۇنىڭغا «ئەلنى مايىل قىلىش . مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەدەنىيەت مەيدانى» دەپ نام بەردى.

   خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئۇدۇللاشتۇرۇشى ۋە تونۇشتۇرۇشى بىلەن، 26 ئائىلىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل بولدى، ئىككى ئائىلىدىكى سەككىز كىشى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىدى.

   ئاھالىلەر ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىر - بىرلەپ خاتىرىلىۋېلىپ، ئېغىر - يېنىكلىكىگە، جىددىي - جىددىي ئەمەسلىكىگە قاراپ رەتكە تۇرغۇزۇپ قوبۇل قىلىپ، ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىرىنى دەرھال ھەل قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈردى.

  «بۈگۈن <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> ھەپتە ئاخىرى كىنوخانىسىدا قايسى كىنو قويۇلىدىكەن؟»

  «ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى <مېنىڭ 1919- يىلىم> دېگەن كىنو قويۇلىدىكەن.»

  «بەك ياخشى بوپتۇ، بۈگۈن يامغۇر يېغىۋاتىدۇ، كۆپچىلىك كۈنلۈك ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، مەن ھازىرلا ئۆيدىن چىقىمەن.»...

  5- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى لۇيۈەن كوچىسى تىيانشان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۈندىدار توپى بەك قىزىپ كەتتى، نۇرغۇن ئاھالە خۇددى كېلىشىۋالغاندەكلا بىرلىكتە مەھەللە پائالىيەت مەركىزىگە كېلىپ كىنو كۆردى.

  ھەپتە ئاخىرى كىنوخانىسىغا ئادەم ئەڭ كۆپ توپلىشىدۇ، مەدەنىيەت مەيدانى ھاياتىي كۈچنى ئاشۇردى، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت ئەلنى مايىل قىلدى... ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ سايباغ رايونى لۇيۈەن كوچىسى تىيانشان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئۈندىدار توپى قۇرۇش، «ئەلنى مايىل قىلىش . مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەدەنىيەت مەيدانى» ياساش، «يەكشەنبىلىك <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئالاقە پونكىتى» قۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاھالىلەر، ئامما ئارىسىدا قەلب كۆۋرۈكى سېلىپ، چىن قەلبى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن خىزمەتنى ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك ياخشى ئىشلىدى.

  خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش

  تىيانشان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى مەھەللىسى تىپىك شەھەر، يېزا تۇتاشقان جايدىكى مەھەللە بولۇپ، 87 بىنا، جەمئىي 3427 ئائىلە، 9056 كىشى بار؛ ئومۇمىي نوپۇسى كۆپ، سودىگەرلەر كۆپ، ئۆيىنى ئىجارىگە بەرگەنلەر كۆپ، كۆچمە نوپۇس كۆپ، ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاجىز.

  «مەسىلىنىڭ كۆپلۈكىدىن قورقمايمىز، بىز ئاممىغا ياردەملىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا كەلگەن، كۆپچىلىك بىرلىكتە يەڭنى تۈرۈپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەيلى». خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى جۇ جياڭنىڭ سۆزى جاراڭلىق ئىدى. بىنالارغا كىرىپ ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلدى، پىكىر ئالدى، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالدى، جۇ جياڭ يەتتە نەپەر ئەترەت ئەزاسىنى باشلاپ ئۈچ ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئائىلىمۇئائىلە كىرىپ زىيارەت قىلدى، ھەربىر كىشىنىڭ قولىدىكى پىكىر ئېلىش دەپتىرى لىق توشۇپ كەتتى.

  ئاھالىلەر: «مەدەنىيەت كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى ئاز، ئاممىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئاز» دەپ كۈچلۈك ئىنكاس قىلدى.

  «ئىنكاس ئەڭ كۆپ بولغىنى دەل ئامما ئەڭ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان مەسىلىلەر بولۇپ، قانچە قىيىن مەسىلە بولسىمۇ ھەل قىلمىساق بولمايدۇ.» جۇ جياڭنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، خىزمەت ئەترىتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مەھەللىدىكى 4500 كىۋادرات مېتىرلىق مەيداننى ئۆزگەرتىپ ياساپتۇ ھەم ئۇنىڭغا «ئەلنى مايىل قىلىش . مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەدەنىيەت مەيدانى» دەپ نام بېرىپتۇ؛ مەھەللىنىڭ كىرىش ئېغىزى، تۆت ئەتراپتىكى بىنالار، رېشاتكا قاتارلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان باش تېمىدا 35 پارچە مەدەنىيەت تەشۋىقات تېمى ياساپتۇ؛ مەيداندا يېڭىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەدەنىيەت كارىدورى قۇرۇپ، ئاخبارات قىزىق نۇقتىسى، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى قاتارلىق مەزمۇنلاردا 30 تەشۋىقات تاختىسىنى يېڭىدىن ياساپتۇ؛ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» قىزىق نۇقتىلىق ئۇچۇر كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، ئامما سۆيۈپ كۆرىدىغان، ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان شەكىللەر ئارقىلىق ھەر تەرەپلىمە تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇپتۇ.

  «مەن مەيداننى ئايلىنىشنى، مەدەنىيەت كارىدورىنى كۆرۈشنى، چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرىدە چېنىقىشنى، خەلققە قولايلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قوشنىلار بىلەن پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىمەن. كەچتە، ئۇچۇر كۆزنىكىنىڭ چىرىغى ئىزچىل يورۇق تۇرىدۇ، بىز ئاھالىلەرنىڭ كۆڭلىنىمۇ يورۇتىدۇ». پەقەت ھاۋا ياخشى بولسىلا، مەھەللە ئاھالىسى جۇ شىفاڭ ھەر كۈنى مەيدانغا بېرىپ ئايلىنىپ كېلىدۇ.

  بۈگۈنكى كۈندە، «ئەلنى مايىل قىلىش . مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەدەنىيەت مەيدانى» كۆپچىلىك ئەڭ ياقتۇرىدىغان جاي بولۇپ قالدى.

  خىزمەت ئەترىتى يەنە مەھەللىدىكى يەر ئاستى ئۆيىنى ئۆزگەرتىپ ياساپ، ئۇ جاينى قىزىل پونكىت، ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى بازىسى، ھەقسىز كىتاب ئوقۇش ئۆيى، «ئالتە يېرىم» دەرسخانىسى، بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئۇسسۇل ئويناش بىر گەۋدە قىلىنغان كۆلىمى 500 كىۋادرات مېتىرلىق ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت پائالىيەت مەركىزىگە ئايلاندۇرغان بولۇپ، ئاھالىلەر ياخشى كۆرىدىغان ھەپتە ئاخىرىدىكى كىنوخانىمۇ دەل مۇشۇ جايدا.

  ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىپ غەمدىن خالاس قىلىش

  «ئايگۈل، يېڭى خىزمەت ئورنىڭىزدا قانداقراق ئىشلەۋاتىسىز؟ چوقۇم ياخشى ئىشلەڭ، پېشقەدەملەردىن كۆپرەك ئۆگەنسىڭىز، كېيىن تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلالايسىز.» 5- ئاينىڭ 4- كۈنى، مەھەللە دەرۋازىسى ئالدىدا، جۇ جياڭ مەھەللە ئاھالىسى ئايگۈلگە ئىلھام بېرىۋاتتى.

  2017- يىلى ئايگۈل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئىزچىل مۇۋاپىق خىزمەت تاپالمىغاچقا، بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇنىڭ ئۈچۈن تىت - تىت بولغانىدى. خىزمەت ئەترىتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ، بىر كارخانىدىن بوغالتىرلىق خىزمىتى تېپىپ بەردى.

  «ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، تۇرمۇشۇمدا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بار بولدى، ئاتا - ئانامنىڭ چىرايىغىمۇ كۈلكە يۈگۈردى، تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ.» بۈگۈنكى كۈندە، ئايگۈل تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدى.

  خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئۇدۇللاشتۇرۇشى ۋە كۆرسىتىشى بىلەن، ئايگۈل بىلەن بىرلىكتە ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل بولغان يەنە 25 ئائىلىلىك بار، ئىككى ئائىلىدىن سەككىز كىشى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىدى.

  «خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىزگە پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى، بۇنىڭدىن ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدۇق.» 2018- يىلى 8- ئايدا، مەھەللە ئاھالىسى باھارگۈل ئىسھاق بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقتىن بىرنى كەشتىلەپ، خىزمەت ئەترىتىگە ئاپىرىپ بېرىپ، مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى بىلدۈردى.

  خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا بوشاشماسلىق

  تىيانشان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى مەھەللىسىدە «يەكشەنبىلىك <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئالاقە پونكىتى»نى بىلمەيدىغانلار يوق.

  ھەر يەكشەنبە كۈنى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئەترەت فورمىسى كىيىپ، خىزمەت كىنىشكىسى ئېسىپ، بايراق ۋە خەلققە قولايلىق قول سومكىسى كۆتۈرۈپ، مەھەللىدە سەييارە مۇلازىمەت قىلىپ، سىياسەت تەشۋىق قىلىش ھەم مەسلىھەت بېرىش، سوئالغا جاۋاب بېرىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەلرايىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىدۇ.

  «بىزنىڭ بىنانىڭ ئالدىدىكى قۇدۇقنىڭ ياپقۇچى بۇزۇلۇپ قاپتۇ، سىلەر ياردەم قىلىپ مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ بەرسەڭلار بولامدۇ؟» «مەھەللە دەرۋازىسى ئالدىدىكى يول بەك تار، ئاسانلا ماشىنىلار توسۇلۇپ قالىدۇ، كېڭەيتىلگەن بولسا»...

  ئاھالىلەر ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىر - بىرلەپ خاتىرىلەپ، ئېغىر - يېنىكلىكىگە، جىددىي - جىددىي ئەمەسلىكىگە قاراپ رەتكە تۇرغۇزۇپ قوبۇل قىلىپ، ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىرىنى دەرھال ھەل قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈردى ھەم خىزمەتنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئاھالىلەرگە قايتما ئىنكاس قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلدى.

  خىزمەت ئەترىتى يەنە ئاھالىلەرنى تەشكىللەپ ئۇسسۇل ئەترىتى، تەنتەربىيە ئەترىتى ۋە پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، ئۈچ كوللېكتىپنىڭ كۈچى ئارقىلىق تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ۋە «خەلققە قولاي» مۇلازىمەتنى قانات يايدۇردى.

  «يۇندى يولىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئاسفالت ياتقۇزۇش، ياشانغان ئىگە - چاقىسىزلارنى يوقلاشتەك ئامما تىلغا ئالغانلىكى ھەربىر ئىشنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ھەل قىلىمىز.» ھازىرغا قەدەر، خىزمەت ئەترىتى 100 قېتىمدىن ئارتۇق مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ئاھالىلەرگە نەچچە مىڭ ئادەم قېتىم مۇلازىمەت قىلدى.

  «بىز خىزمەتنى ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك ئىشلەپ، كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىپ، پارتىيە ۋە ئاھالىلەرنىڭ قەلب كۆۋرۈكى بولىمىز.» بۇ باشتىن - ئاخىر خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەترەت ئەزالىرىنىڭ دەستۇرى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى