تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

«ئۆي ئاپتوموبىل بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» قومۇلدىن باشلاندى

5-ئاينىڭ 2-كۈنى، ساياھەتچىلەر «شىنجاڭنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش ــــ مۇھەببەت قومۇلدا» ساياھەت پائالىيىتى نەق مەيدانىدا يەرلىك ئامما بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار سەي زېڭلې، ليۇ ياخۇي، ۋاڭ ۋېن): 5-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت جەمئىيىتى، شىنجاڭ جۇڭيوۋ ئۆي ئاپتوموبىل چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، يوۋبەيدا خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى قومۇل شۆبە شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن 2019-يىللىق 2-نۆۋەتلىك «ئۆي ئاپتوموبىل بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» بويىچە «شىنجاڭنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش ــــ مۇھەببەت قومۇلدا» پائالىيىتىنىڭ يولغا چىقىش مۇراسىمى قومۇل شەھىرى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچە رايونىدا باشلىنىپ، بېيجىڭ، شېنجېن، خېنەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ساياھەت ھەۋەسكارلىرىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

  2019-يىللىق «ئۆي ئاپتوموبىل بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» پائالىيىتى 5-ئايدا باشلىنىپ 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئاخىرلىشىدۇ، ئۆي ئاپتوموبىلدىن 2000نى، باشقا ئاپتوموبىلدىن 1000نى تەشكىللەش مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، شىنجاڭ ساياھەت تارماقلىرى «تىيانشان مىراس كارىدورىدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسى، قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسى، تەكلىماكاننى ئايلىنىش بويىچە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسى» قاتارلىق 10 ئېسىل لىنىيەنى يولغا قويغان بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 48 ناھىيە، شەھەرنى قاپلايدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى جاڭ شياۋيۈنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قومۇلنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەۋزەل بولۇپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش، ئۆي ئاپتوموبىل بىلەن ساياھەت قىلىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بەكمۇ ماس كېلىدىكەن، شۇڭا قومۇل «ئۆي ئاپتوموبىل بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش»تىكى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنغان. «شىنجاڭنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش ــــ مۇھەببەت قومۇلدا» پائالىيىتى قومۇل رايونىنىڭ قاتناش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، قومۇلدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ۋە ئۆي ئاپتوموبىل بىلەن ساياھەت قىلىش بويىچە يىغىلىش-تارقىلىش ئورنىنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

«شىنجاڭنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش ــــ مۇھەببەت قومۇلدا» ساياھەت پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ئۆي ئاپتوموبىل ھەۋەسكارىغا يۈرۈشلەشكەن «ئۆتكەلدىن ئۆتۈش گۇۋاھنامىسى» تارقاتماقتا.

2019-يىللىق 2-نۆۋەتلىك «ئۆي ئاپتوموبىل بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» بويىچە «شىنجاڭنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش ــــ مۇھەببەت قومۇلدا» پائالىيىتىنىڭ يولغا چىقىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، ئارتىسلار «چىنە ئۇسسۇلى» ئوينىماقتا.

قومۇل موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونىدا، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۆي ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرى رەڭ چېچىپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.

ساياھەتچىلەر قومۇل موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.

ساياھەتچىلەر قومۇل موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونىدا ئېكسكۇرسىيە ۋە سەيلە قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى