تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

دەل جايىدا كۈچەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايون قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

دەل جايىدا كۈچەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 11- كۈنىگىچە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاتۇش شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، دىققەت ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە «قىشلىق ھۇجۇم» خىزمىتى خۇلاسىلەندى ھەم «قىشلىق ھۇجۇم» نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، 2019- يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇلتۇر قىش، بۇ يىل ئەتىيازدىن بۇيان، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ئوبلاست، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە «قىشلىق ھۇجۇم»نى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىشتىكى ئارساللىقنى قىشتىكى ئالدىراشلىققا ئايلاندۇرۇپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بارلىق خادىملارنى تەربىيەلەشنى تۇتۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، «قايتا قاراپ چىقىش»نى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، قىيىن نۇقتىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، «قىشلىق ھۇجۇم» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداپ ھەم ياخشى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتكوم مەركەزنىڭ مەخسۇس كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشىدىكى پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، بىر - بىرلەپ تۈزىتىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئۆگىنىش ئىرادىسى، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە، خىزمەت ئىرادىسىنى ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى دائىم بوشاشماي چىڭ تۇتىدىغان مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە «توققۇز ئېنىق بولۇش»نى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ كەنت، ئائىلە، ئادەمگىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ چېكىندۈرۈش بىلەن مۇستەھكەملەپ ئۆستۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەسىپلەر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ تۈرلەرنى تۇتۇپ، مەنپەئەتنى باغلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى تۇتۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىشنى چۆرىدەپ تەربىيەلەشنى تۇتۇپ، قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش مېخانىزمى، قەرەللىك «قايتا قاراپ چىقىپ» چۈشۈپ قالغانلىرىنى تەكشۈرۈش، كەملىرىنى تولۇقلاش مېخانىزمى، نامراتلارنى يۆلەش چوڭ سانلىق مەلۇماتى ئۇچۇر سۇپىسى بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمى ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىق ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، خىزمەت سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىر نىيەتتە بولۇپ، بىرلىكتە ماسلىشىپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئوبلاست، ناھىيە (شەھەر)لىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، ناھىيەلىك پارتكوملارنىڭ «بىرىنچى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى»لىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تەتقىق قىلىپ، تۆۋەنگە چۆكۈپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشى كېرەك. كەسپىي تارماقلار خىزمەتتىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى پائال تەتقىق قىلىپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۇدۇللاشتۇرۇش، كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، مەسىلىنى ئاساسىي قاتلامدا بايقاش، مەسىلىنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. مەركەزنىڭ «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قېلىپلاشتۇرۇشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامنى كۆڭلىنى توختىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا تۇتىدىغان قىلىشى كېرەك.

  يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر يەنە ئاتۇش شەھىرىدىكى كىچىك، مىكرو كەسىپلەر باغچىسى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسى، يېنىك سانائەت باغچە رايونى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى