تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

تارىم يېزا - كەنتلىرىدىكى كىچىك سېخلاردىن يەر شارىۋى ماللار «يۆلەپ» چىقىرىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى جىخاۋ

  سائەت 19دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، پېتىۋاتقان قۇياش تارىم ئويمانلىقى ئاسمىنىنى قىزارتقانىدى، ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت بولدى. ئايال ئىشچىلارنىڭ كوللېكتىپ ئىشتىن چۈشكەن كۆرۈنۈشى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئويمانلىقنىڭ غەربىي گىرۋىكىدە كەم ئۇچرايتتى، ئەمما ھازىر ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدىغان بولدى.

  ھەر خىل رەڭلىك توكسىكلىتلار ھويلىغا بىر رەت قىلىپ تىزىلغان بولۇپ، قۇياش نۇرى ئىشىك - دېرىزىلەردىن سېخقا قىيپاش چۈشەتتى، ئايال ئىشچىلار دوسكىنى چۆرىدەپ، پۇتۇڭخۇادا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن «نۇسخا بېسىش» «پېتەك» «ئاياغ تىلى» دەپ ئوقۇۋاتاتتى...

  بۇ، نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا دائىم كۆرۈلىدىغان مەنزىرە. ئىشتىن چۈشكەندىكى مۇشۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېزىسىدا قۇرۇلغان يۆنىڭ ئاياغچىلىق شىركىتى ئايال ئىشچىلارغا پۇتۇڭخۇانى تەكرارلاپ بەردى. گۇاڭدۇڭدىن كەلگەن ياش زاۋۇت باشلىقى قولىغا قەلەم ئېلىپ، دوسكىغا خام خەتلەرنى يازدى، باشلامچىلىق بىلەن ئۈنلۈك ئوقۇپ بەردى، ئاندىن تەرجىمانغا ئۇيغۇر تىلىدا سۆز مەنىسىنى كۆپچىلىككە چۈشەندۈرگۈزدى.

  مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئېغىر نامرات رايون ــــ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرىنىڭ كۆلىمى 100 كىۋادرات مېتىردىن 500 كىۋادرات مېتىرغىچە بولۇپ، ئوخشاش ئەمەس. گەرچە كۆلىمى چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ئويمانلىق ئەتراپىدىكى بوستانلىقلاردىكى يېزا - كەنتلەرگە تارقالغانىدى.

  يېزىلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان بولسىمۇ، لېكىن ماللىرى زامانغا لايىق بولۇپ، ھەتتا دۆلەت سىرتىغا بىۋاسىتە سېتىلىدۇ. يۆنىڭ ئاياغچىلىق سېخىغا كىرگىنىمىزدە، مال جازىسىغا 186 ئىشچى شۇ كۈنى ئىشلەپچىقارغان 1000 جۈپتىن ئارتۇق تەنھەرىكەت ئايىغى تىزىلغانىدى، شەكلى بولسا ھازىر مودا بولۇۋاتقان ئاق رەڭلىك پاسوندا ئىدى. مەسئۇل كىشى ليۇ رۈيبونىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاياغلار ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىكى خېرىدارلار ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق شىنجاڭدىن چىقىرىلىپ، قىرغىزىستان، رۇسىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە توشۇلىدىكەن.

  بۇ زاۋۇت بۇلتۇر 10- ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت تەمىنلىگەن زاۋۇت ئۆيى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى، كىرا ھەققى تولۇقلىمىسى قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولىدىكەن، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئەتراپتىكى نەچچە يېزا - كەنتتىن كەلگەن ئىكەن. يۆنىڭ ئاياغچىلىقى جايلاشقان يېڭىشەھەر ناھىيەسى 2018- يىلى نامراتلارنى يۆلەش سېخىنى پۈتۈن ناھىيەدىكى نۇرغۇن كەنتلەرگە كېڭەيتتى، نۆۋەتتە شەرقىي رايونلاردىن سودىگەر چاقىرىپ، مەبلەغ كىرگۈزمەكتە.

  گۇاڭدۇڭدىن كەلگەن ئون كىشىلىك تېخنىكلار كوللېكتىپى ليۇ رۈيبونى ئەڭ ئىپتىخارلاندۇردى. ئۇلارنىڭ كەسىپ باشقۇرۇشىغا تايىنىپ، يۆنىڭ ئاياغچىلىقى بالدۇرلا مۇنتىزىملىشىش يولىغا قەدەم قويۇپ، ئالدىنقى ئايدا پايدا ئېلىشقا باشلىدى.

  نۆۋەتتە ليۇ رۈيبونى ئەڭ غەمگە سالغىنى ئىشچىلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى بولدى، «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ زاكازلىرى يەنىلا ناھايىتى كۆپ، لېكىن بىز ھازىر زاكازنى كۆپ ئالالمايمىز، ئاۋۋال ئالدىراتمايدىغان زاكاز ئېلىشتىن ئىش باشلايمىز. پىشقان ئىشچىلارنى يېتىشتۈرۈشكە ۋاقىت كېتىدۇ».

  80 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يوپۇغا ناھىيەسىگە گۇاڭدۇڭدىن كېلىپ مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرغان جياخۇڭ كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ شۇ جايغا ماكانلاشقىنىغا بىر يىلدىن ئاشتى. مەسئۇل كىشى دېڭ جيەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ماللار رۇسىيە، گېرمانىيەگە ئېكسپورت قىلىنىدىغان بولغاچقا، سۈپەتكە قويۇلىدىغان تەلەپ بىرقەدەر يۇقىرى، شۇ جايدىكى ئىشچىلارنىڭ ئەمگەك ئۈنۈمىنى يەنە ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. نۆۋەتتە ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلات شەرقىي قىسىم دېڭىز بويىدىكى پىشقان ئىشچىلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتنىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ.

  «چەت - ياقا تارىم ئويمانلىقىدا ياشاپ كەلگەن، ئەجدادتىن ئەۋلادقىچە ھەممىسى دېھقان بولغاچقا، ئەزەلدىن زاۋۇتقا كىرىپ باقمىغان.» شەندۇڭ دۇڭيىڭدىن يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن جەي جيەنفېڭنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلغىنىغا بۇ يىل ئۈچ يىل بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كارخانىلار جەنۇبىي شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشتا شۇ جاينىڭ ئەھۋالىنى تولۇق چۈشىنىشى كېرەك. چۈنكى ئادەم كۆپ، يەر ئاز، زامانىۋى كارخانىلار كەمچىل، تارىم ئويمانلىقىدىكى دېھقانلار، چارۋىچىلارنىڭ ۋاقىت ۋە ئۈنۈم ئېڭى تازا كۈچلۈك ئەمەس، ئەمدىلا ئىشلەپچىقىرىش ئاقما لىنىيەسىگە قەدەم قويغان بولۇپ، سەۋرچانلىق بىلەن يېتىشتۈرۈش ۋە يېتەكلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىش، جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇھىم نۇقتا قىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى قوللاش سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلغان، بولۇپمۇ 2015- يىلى دۆلەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشنى جاكارلىغاندىن بۇيان، شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىمدىكى كارخانىلار زور مىقداردا جەنۇبىي شىنجاڭغا ماكانلاشقان، نامراتلىق تۈپ يىلتىزىدىن يۇلۇپ تاشلىنىۋېتىپتۇ.

  شەندۇڭدىن يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە كېلىپ ماكانلاشقىنىغا ئىككى يىل بولغان، بۈگۈنكى كۈندە شۇ جايدا 15 زاۋۇت رايونى، 1500 ئىشچىسى بولغان يېڭىشەھەر خەيياڭ كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىنى سىرتتىن كەلگەن كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشىدىكى ئۈلگە دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن، 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، باش دىرېكتور جىن جۇڭشېڭ يەنىلا پىشقان ئىشچىلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن باش قاتۇردى. «ھازىر نۇرغۇن كەسىپداشلار بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ تەجرىبە ئۆگىنىۋاتىدۇ»، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىنى سىجىل قويۇپ بېرىشىگە ئەگىشىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىشىنى قوللاشنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى، جىن جۇڭشېڭنىڭ باش قېتىنچىلىقىمۇ تەدرىجىي تۈگىدى، ھازىر ئۇ ياۋروپا بازىرىغا ئېكسپورت قىلىپ سېتىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى سىناق قىلماقتا.

  كەسىپدېشى دېڭ جيەن ۋە ليۇ رۈيبومۇ جىن جۇڭشېڭنى دوراپ، سېخ ئەتراپىدا يۈرۈشلەشكەن يەسلى قۇرۇپ، ئىشچى ئانىلارنى تېخىمۇ خاتىرجەم ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلماقچى بولدى.

  «نۇرغۇن كىشىلەر كارخانىمىزنىڭ ھازىر قىلىۋاتقىنىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ ئۈچۈن زامانىۋى ئىشچىلارنى يېتىشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمىگەن بولۇشى مۇمكىن.» مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىكنى گۈللەندۈرۈش جەريانىنى ئەسلەپ، جەي جيەنفېڭ مۇنداق دېدى: «بۇ، نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشلا بولۇپ قالماي، تارىم ئويمانلىقىنىمۇ مۇشۇ ئارقىلىق دۇنيا بىلەن تۇتاشتۇرۇش، زامانىۋى تۇرمۇش بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشتۇر».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 3- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى