تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ يېڭى كەيپىياتى يېڭىچە ئۈمىد ئاتا قىلدى

  3-ئاينىڭ 18-كۈنى، چەرچەن ناھىيەسى چوڭكۆل يېزىسى ئوتتۇرا ئېرىق كەنتىدىكى دېھقانلار خۇشال - خۇرام ھالدا بىرىكمە ئوغۇت تاپشۇرۇۋالدى.

  باھار كەلدى، بارلىق مەۋجۇدات قىشلىق ئۇيقۇدىن ئويغاندى. ھاۋانىڭ تەدرىجى ئىللىشى بىلەن، دېھقانلار ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كىرىشىپ، ئېتىز-ئېرىقلاردا قايناق ئەمگەك مەنزىرىسى شەكىللەندى. ئوخشاش يەر، ئوخشاش بولمىغان تېرىلغۇ تەييارلىقى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقانلار تىرىشىپ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بازارغا ماسلىشىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلىپ، ھەربىر ئۆينىڭ تېرىلغۇ يېرىگە يېڭىچە ئۈمىد ئاتا قىلدى. 3- ئاينىڭ 18- كۈنى، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ چوڭكۆل يېزىسى ئوتتۇرا ئېرىق كەنتىدىكى دېھقانلار خۇشال - خۇرام ھالدا بىرىكمە ئوغۇت تاپشۇرۇۋالدى. شۇ كۈنى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كارخانىسى ــــ شىنجاڭ گېنلىدو بىيوپەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىئانە قىلغان 200 توننا بىيوئاقسىللىق بىرىكمە ئوغۇت چەرچەن ناھىيەسىنىڭ تۆت يېزا - بازىرىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا تارقىتىپ بېرىلىپ قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى.

(پولات نىياز فوتوسى)

   شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر نىياز راھمان): 3-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا ناھىيەلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئىدارىسىنىڭ بېيىشباغ يېزىسى چىنەباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر نىياز (سولدا) كەنت ئاھالىسى قۇربان ياسىننىڭ پارنىكىدا شاپتۇل دەرىخىنىڭ چېچەكلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. بۇ كەنتتە ھازىر شاپتۇل پارنىكىدىن 15 ى بار بولۇپ،  ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 58 مو كېلىدۇ، شاپتۇل پارنىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يەنە بىر كىرىم مەنبەسىگە ئايلاندى.

   3 - ئاينىڭ 10- كۈنى، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى بوغاز يېزىسىدا دېھقانلار تېرىقچىلىق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىغا كىرىشىپ كەتتى، ئېتىز - ئېرىق باشلىرىدا ئالدىراشلىق مەنزىرە كۆرۈلدى.

(مۇخبىرىمىز ۋاڭ جېن فوتوسى)

 

يېقىندا، قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى يىڭنەقاش كەنتنىڭ ئاھالىىسى تۇرسۇنئاي تۇر (ئوڭدا) شېرىكى بىلەن پارنىكتا كۆكتات مايسىسىنى كۆچۈرمەكتە.

   شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى يىڭنەقاش كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ كەنتتىكى نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى كەپتەر باقمىچىلىقى، كۆكتات تېرىقچىلىقى قاتارلىق ئەمەلىي ماھارەتلەر بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئاساس سالدى.

(شيې لوڭ فوتوسى)

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى